ئالدىراپ يالىماڭ
بىر ھېكايە
بىر ئوغرى پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە ئوغۇرلۇققا چۈشۈپتۇ……،
ئۇ خەزىنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش،ياقۇت گۆھەرلەرنى تاغارغا لىق قاچىلاپ،ئەمدى چىقاي دەپ تۇرغاندا،كۆزى خەزىنە ئىشىكى يىنىغا قويۇپ قويغان يوغان بىر خالتىغا كۆزى چۈشۈپتۇ……
ئوغرى خالتىنى ئېچىپتىكەن،ئىچىدى يوغان بىر كاللەك تاشتەك بىر نەرسە تۇرغۇدەك،ئوغرى “بۇ قانداق نىمىدۇ”دەپ،تىلىنى تەككۈزۈپتۇ……يۇ،دەرھال كۆزلىرى يوغىناپ،بىر مۇھىم نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك قىياپەتتە ئالتۇن زىبۇ زىننەت قاچىلىغان خالتىنىمۇ ئالماي چىقىپ كېتىپتۇ……
ئەتىسى شاھ خەزىنىگە ئوغرى چۈشكىنىدىن خەۋەر تېپىپتۇ،ئۆزى كىرىپ تەكشۈرۈپتۇ……قارىسا بىر خالتىغا لىق بايلىق قاچىلانغان،ئىشكتىمۇ ھېچقانداق بۇزۇلۇش بولمىغان……
پادىشاھ ئويلىنىپ قاپتۇ:شۇنچىلىك ئۇستا تېخنىكىلىق ئوغرى نىمىشقا ئالتۇنلارنى ئالماي چىقىپ كېتىدۇ……
پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈپ:ئەگەر ئوغرى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ،ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرسە جازا بەرمەيدىغانلىقىنى دەپتۇ……
شۇنىڭ بىلەن،ئوغرى خان ئوردىسىغا كېلىپتۇ……
شاھ:
-شۇنچىلىك ئۇستلىق بىلەن لەشكەرنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈپ خەزىنىگە كىرىپسەن،ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەرنى قاچىلاپسەن،نىمىشقا ئەكەتمىدىڭ
ئوغرى:
-ئەسلىدە ئېلىپ ماڭغان،خەزىنىنىڭ تېمىغا يۆلەكلىك تاغارنىڭ نىچىدە كاللەك بىر يالتىراق تاش بار ئىكەن،قىزىقىپ ئۇنى يالاپ بېقىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن نىيىتىمدىن ياندىم
شاھ :
-ئۇ نىمە نەرسە ئىكەن
ئوغرى:
-تۇز ئىكەن،مەن تۇزنى يالاپ سالدىم،دىمەك تۇزلىرىنى يىدىم دىگەن گەپ……،بىزنىڭ ئەزەلدىن تۇزلۇقنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغان مىللەت ئەمەس ،ئۇنداق قىلساق تۇزكور بولۇپ قالمامدىم……
پادىشاھ ئوغرىنىڭ گىپىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ،ھەمدە ئۇنىڭ ئىلگىرى بەكمۇ دانا بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى،بىراق تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا ئوغرى بولۇپ كەتكىنىنى بىلىپ،ئۇنى ئوردىغا ئەمەلدار قىلىپ تەربىيلەپتۇ……
بۇ ھېكايە بىزگە شۇنى بىلدۈرىدىكى:
بىرەر يەرگە كىرگەندە،بىلمەيدىغان نەرسە بولسا ئالدىراپ يالىماڭ،بەلكىم مىكروپ بولۇشى مۇمكىن!ئۇنىڭ ئۈستىگە سەت تۇرىدۇ!