يانۋار 1 2013
يېڭى خادىمنىڭ خىزمەتكە چۈشۈشى
غوجايىن: قارشى ئالىمىز، سىز بولمىسىڭىز شىركىتىمىز ھازىرقىغا ئوخشىمىغان بولاتتى.
خادىم: ئەگەر ئىشلەپ چارچاپ كەتسەم ياكى ئىشنى ياخشى قىلالمىسام ئىستېپا بېرىمەن.
غوجايىن: خاتىرجەم بولۇڭ، مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن.
خادىم: دەم ئېلىش كۈنىدە دەم ئالسام بولامدۇ؟
غوجايىن: ئەلۋەتتە، بۇ دېگەن ئەڭ تۆۋەن چەك!
خادىم: كېچىدىن سەھەرگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەمدۇق؟
غوجايىن: مۇمكىن ئەمەس، سىزگە كىم شۇنداق دېدى؟
خادىم: تاماق تولۇقلىما پۇلى بارمۇ؟
غوجايىن: بۇنى سوراش كېتەمدۇ، ئېنىقكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەردىن چوقۇم يۇقىرى.
خادىم: خىزمەت سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟
غوجايىن: ئۇنداق ئىش يوق، بۇ خىيال نەدىن پەيدا بولدى؟
خادىم: ساياھەتكە قەرەللىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرامسىلەر؟
غوجايىن: ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ بەلگىلىمىمىز.
خادىم: چوقۇم دەل ۋاقتىدا ئىشقا كېلىشىم كېرەكمۇ؟
غوجايىن: ياق، ئەھۋالغا قارايمىز.
خادىم: ئىش ھەققى ۋاقتىدا تارقىتىلامدۇ؟
غوجايىن: ئەزەلدىن شۇنداق.
خادىم: ئىشلارنى پۈتۈنلەي يېڭى خادىملار قىلامدۇ؟
غوجايىن: نەدىكىنى، ئۈستىڭىزدە نۇرغۇن پىشقان خادىملار تۇرسا.
خادىم: ئەگەر باشلىقنىڭ ئورنى بوش بولسا، رىقابەتكە قاتناشسام بولامدۇ؟
غوجايىن: بۇ شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساس.
خادىم: سىز مېنى ئالداۋاتمايدىغانسىز؟
بۇ دىيالوگنى كەينىدىن ئالدىغا قاراپ ئوقۇپ بېقىڭ، ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ خادىمنىڭ ئىشى سەل چاتاقمۇ– نېمە؟