پاكىز يۇيۇلمىغان كىيىم
بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ :
-دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالماپتۇ . قاراڭ ، ئۇ كىيىملەردە بىر قەۋەت توپا-چاڭ باردەكلا، -ئۇ سۈت ئىچكەچ يولدىشىغا سۆزلەپلا كەتتى، -ئۇنىڭ كىر يۇيۇش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس ئوخشايدۇ ، يا بولمىسا كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى توغرا ئىشلىتەلمىدى. قارىسىغۇ ياشمۇ ئەمەسكەن ، كىر يۇيۇشتەك ئاددى ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلالمىغان بارمۇ؟
مارىنىڭ ئېرى دېرىزە سىرتىغا قاراپ قويۇپ ، ھىچنىمە دېمىدى .
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مارى يولدىشى بىلەن ناشتىغا ئولتۇرغىنىدا ، يەنە قوشنىسىنىڭ يېيىپ قويغان كىيىملىرىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى .
-دېفنو خانىم كىرلىرىنى يەنە پاكىز يۇماپتۇ ، كىر يۇيۇش ماشىنىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى كىر يۇيۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بارمىدۇ؟ -مارى قوشنىسىنىڭ يۇيغان كىرلىرىگە ئاۋالقىغا ئوخشاش باھا بەردى . ئۇنىڭ يولدىشى بولسا بۇرۇنقىدەكلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .
شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ، مارى قوشنىسىنىڭ يېيىپ قويغان كىيىملىرىنى كۆرسىلا ئوخشاش بىر سۆزنى تەكرارلاۋەردى.
بىر ئايدىن كېيىن ، ئەر خوتۇن ئىككەيلەن يەنە ناشتىغا ئولتۇرغىنىدا ، مارى قوشنىسىنىڭ ئېسىپ قويغان كىيىملىرىنى كۆرۈپ:
-قاراڭ ، دېفنو خانىم كىر يۇيۇشنىڭ توغرا ئوسۇلىنى ئاخىرى ئۆگىنىۋاپتۇ ، بۇ قېتىم كىرلارنى بەك پاكىز يۇيۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا كىر يۇيۇش ئۇسۇلىنى كىم ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇسۇلىدا قانداق مەسىلە باكىن تاڭ ،-دېدى.
بۇ قېتىم يولدىشى ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
-بۈگۈن ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ ، ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىلىرىنى سۈرتىۋەتتىم.
ھىكمەت: مەسىلىنى باشقىلاردىنلا ئىزدىمەي، ئۆزىڭىزدىنمۇ ئىزدەپ كۆرۈڭ.