ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-06-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 155 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ليۇ شا

   مەلۇم ماددىي – ئەشيا شىركىتى بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلماقچى بولۇپتۇ، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەم تىزىملىتىپتۇ. شىركەتنىڭ يازمىچە ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، قايتا – قايتا شاللاش ئارقىلىق ئاخىرىدا بەشلا ئادەم قاپتۇ.      بۇ بەشەيلەننىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولۇپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ئىكەن.      شىركەت ئۇلارغا يىغىن ئېچىپ، ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارغاندىن كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قايتىپ خەۋەر كۈتۈشىنى ئېيتىپتۇ.      بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن شىركەت ئەۋەتكەن ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ. پوچتا يوللانمىسىدا: <<شىركەت ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق، سىزنى قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلدۇق، لېكىن بىز بىلىمىڭىزگە، جاسارىتىڭىزگە قايىل، قوبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى چەكلىك بولغاچقا، سىزدىن ئامالسىز ۋاز كەچتۇق. شىركەت كېيىن ئادەم ئالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن سىزنى ئويلىشىدۇ. سىزنىڭ شىركەتكە تاپشۇرغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىڭىز ئۇزاققا قالماي ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، سىزنىڭ شىركىتىمىزگە ئىشەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، شىركىتىمىزنىڭ ئېتىبار كارتىسىدىن بىرنى ئەۋەتتۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز>>دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان ئىكەن.      ئۇ ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى ئازابلىنىپتۇ، لېكىن ئۇ بۇ شىركەتنىڭ سەمىمىيىتىدىن بەك تەسىرلىنىپتۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇ شىركەت ئەۋەتكەن ئۆزىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ۋە ئېتىبار بېلىتىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ.

ئۇ شىركەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۈچ مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ بىر پارچە رەھمەت خېتى يېزىپ شىركەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا ئەۋەتىپتۇ.   ل   ېكىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ شىركەتنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، تېلېفوندا قارشى تەرەپ شىركەت مەسئۇللىرى قايتا – قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق، ئۇنى شىركەتنىڭ خادىملىقىغا رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.      كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپتۇ. ئەسلىدە شىركەت قالغان تۆتەيلەنگىمۇ ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە ئېتىبار بېلىتى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىلا ئۇلارغا رەھمەت خېتى يازغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ يازغان رەھمەت خېتى سەۋەب بولغان ئىكەن.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *