بالىڭىزغا مۇنداق دەڭ
بالىڭىزغا تامغا قالايمىقان رەسىم سىزما دىمەستىن
بەلكى:رەسىمنى قەغەزگە سىزغىن ،سىزىپ بولغاندا رەسىمىڭنى تامغا ياكى تۇڭلاتقۇغا ۋەياكى دوسكىغا ئاسىمىز دەڭ.
ماڭ ئېغىلدەك بۇلۇپ كەتكەن ياتىقىڭنى تازلا،دىمەستىن
بەلكى :بالام ياتاق ئۈيۈڭنى تازىلىشىڭغا ياردەم كىرەكمۇ؟سەن دائىم رەتلىك ھەم پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىسەن ،دەڭ.
ماڭ ئۇيۇننى تاشلاپ ،دەرسلېرىڭنى تەييارلا ،ھەممىدىن مۇھىمى ئۆگىنىش دىمەستىن
بەلكى:دەرسلېرىڭنى بالدۇر تۈگەتسەڭ ساڭا بىللە ئوينىشىپ بېرىمەن ،ياكى ئۈزۈڭ ياقتۇرغان ئۇيۇننى ئوينىساڭ بۇلىدۇ دەڭ.
تۇر چىشلېرىڭنى چوتكىلا !ساڭا داۋاملىق چىشلېرىڭنى تازىلا دىيىشىم كېرەكما ؟دىمەستىن
بەلكى :مەن سەندىن ناھايىتى خۇرسەن ، سەن دائىم مىنى دىگۈزمەستىن چىشلېرىڭنى تازىلاپ تۇرىسەن دەڭ.
چوكىلى قاتارلىق تاتلىق تۈرمىلەرنى كۆپ يىمە !چىشلېرىڭ قۇرۇتلاپ كىتىدۇ دىمەستىن
بەلكى :مەن سىنىڭ ھەر كۈنى بىر تال چوكىلى يىيىشىڭگە رۇخسەت قىلدىم .چۈنكى سەن بەك باتۇر ،چىشلېرىڭنى دائىم چوتكىلاپ تۇرىسەن دەڭ