دەم ئېلىش كۈنىدىن كېيىنكى ھارغىنلىقنى يوقىتىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-24 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 301 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

dem

كىشلەر كۆپىنچە ھاللاردا دەم ئېلىش كۈنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىزمەتكە بارغان تۇنجى كۈنى ئىنتايىن روھسىزلىنىپ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

بانان . بانان يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىسى ۋە كالىي ئىنتايىن مول. بۇ تەركىبلەر مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۆلجۈرگەن. بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىن C مول، بۇ بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ.

پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. تۆمۈر بەدەنگە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ماددا ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كىشلەر ھايۋانات بېغىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، تۆمۈر تولۇقلاشقا پايدىلىق دەپ قارايدۇ، بىراق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش رولى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ تۆمۈر تولۇقلاپلا قالماستىن يەنە ھارغىنلىقنى، ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ.

پالەك. پالەك تەركىبىدە ئاياللاردا بىر قەدەر كەم بولغان ماگنىي ماددىسى مول بولۇپ، بۇ بەدەندە كاربون سۇ بىرىكمىسىنى ئىشلىتىش قىممىتى بولغان ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *