كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-23 / سەھىپە تۈرى : ساغلاملىق / كۆرۈلىشى : 170 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى ياشانغانلاردىن توققۇز ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ياشانغانلارغا دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشتىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلغان.

كۆز ئەتراپىنى ئۇۋىلاش. ئولتۇرۇپ ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ، بىگىز بارمىقىمىز ۋە باش بارمىقىمىز بىلەن ئاستىنقى – ئۈستۈنكى قاپىقىمىزنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى ۋە قارشى يۆنىلىشتە 50 قېتىم، ئاندىن بىگىز بارمىقىمىز ۋە ئوتتۇرا بارمىقىمىز بىلەن كۆز قۇيرۇقىنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى ۋە قارشى يۆنىلىشتە 50 قېتىم، بىگىز بارمىقىمىز ۋە ئوتتۇرا بارمىقىمىزنى جۈپلەپ كۆز ئالمىسىنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى ۋە قارشى يۆنىلىشتە 50 قېتىم ئۇۋۇلايمىز. ئۇۋۇلاش تۈگىگەندىن كېيىن كۆزىمىزگە ئىسسىق لۆڭگىنى بەش مىنۇت ئەتراپىدا ياقىمىز. ئاخىرىدا بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە يىراققا قارايمىز. بۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرىمىز.

كۆڭلىدە ھېسابلاش. ياشانغانلار كۆڭلىدە ھېسابلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، ئەستە تۇتۇش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى: باشقىلار سوئال چىقىرىپ بېرىدۇ، ياشانغانلار جاۋاب بېرىدۇ. ئالدى بىلەن، ئاددىي قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنى ھېسابلاپ، ئاندىن مۇرەككەپرەك سانلارنى ھېسابلايدۇ. بۇنى ھەر كۈنى ئۈچ – تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 ~ 40 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

كۆڭلىدە رەسىم سىزىش. كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر ئارقىلىق رەسىم سىزىش تونۇش ئىقتىدارى، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە مەنتىقىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ، دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق. بۇنىڭ ئۇسۇلى: ئالمىنى مىسال قىلساق، ئالمىنى ئۈستەلگە قويۇپ، تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، كۆزنى يۇمۇپ، ئەستە تۇتۇۋالغىنىغا ئاساسەن تەسەۋۋۇر ئارقىلىق كۆڭلىدە ئالمىنىڭ شەكلىنى ‹‹سىزىپ›› ۋە ئۇنىڭغا رەڭ بېرىمىز، رەسىم قانچە ئىنچىكە سىزىلسا شۇنچە ياخشى. سىزىپ بولغاندىن كېيىن كۆزىمىزنى ئېچىپ، سىزغىنىمىز بىلەن ئالمىنى سېلىشتۇرۇپ، توغرا سىزغان – سىزمىغانلىقىمىزنى سېلىشتۇرىمىز. كېيىنچە سىزماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرساق بولىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *