پەرزەنتىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۈلگىسىسىز!

يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-05 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 288 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140305-094308.jpg

ئانا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى بىر قۇر تۈگەتكەندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن قېشىغا كەلدى، تۆت ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىسى رەسىم سىزىۋاتقان ئىدى، ئانا بالىسىنىڭ زىھنىنى چېچىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ جىمجىت ئولتۇردى.
ئۇ تۇيۇقسىز قورونىڭ سىرت تەرىپىگە ئۇلاپ سېلىنغان كىچىككىنە بىر ئىغىزلىق ئۆيدە ئولتۇرىدىغان قېيىن ئاتىسىغا تېخىچە كەچلىك تاماق ئەپچىقىپ بەرمىگەنلىكىنى ئىسىگە ئالدى،
قېيىن ئاتىسىڭ تېنى بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ ئورنىدىن تەستە تۇرالايتتى.
ئانا قېيىن ئاتىسىغا ئاللىقاچان سۇۋۇپ كەتكەن تاماقنى خوشياقمىغان ھالدا ئەپچىقىپ ئالدىغا توككىدە قويدى .
قايتىپ كىرىپ بالىسىنىڭ سىزىۋاتقان رەسىمىگە قاراپ سورىدى ،
-جېنىم بالام نېمە سىزىۋاتىسىز؟
-مەن چوڭ بولۇپ تۇرمۇش قۇرغاندا ئولتۇرىدىغان ئۆيۈمنى سىزىۋاتىمەن.
ئانا بالىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بالىسىنىڭ چىچەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، ۋە رەسىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-بۇ سىزنىڭ تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنكى ئۆيىڭىزمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۆيلەرنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىڭە بالام ،
-بۇ ھۇجرام، بۇ مېھمانخانا، بۇ كۈتۈپخانام، بۇ ئارام ئېلىش ئۆيۈم، بالا شۇنداق دەپ ئۆينى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،
ھە بەك ياخشى لاھىيەلەپسىز ، بالام ئاۋۇ ئۆينى نېمانچە يىراققا ھەم ئۆينىڭ سىرتى تەرەپكە سىزدىڭىز، دەپ سورىدى.
بالا تەمتىرىمەستىن:
-ئانا بۇ سىزنىڭ ھۇجرىڭىز، دېدى.
ئانا قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە:
-نېمىشقا مىنىڭ ھۇجرامنى بۇنچە چەتكە ھەم يالغۇز كىچىك سىزدىڭىز دەپ سورىدى.
بالا:
- چوڭ داداممۇ ئاشۇنداق چەتكە سېلىنغان يالغۇز كىچىك ئۆيلەردە تۇرىدۇغۇ، دېدى.
-ئانا ھەيرانلىق ،ھەم قېيىن ئاتىسىغا قىلغانلىرىنى ئەسلەپ ئۈندىيەلمەي قالدى، ،يىغلىغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇردى ۋە مېھمانخانىنى قايتىدىن رەتلەپ، بىر كارۋات قويۇپ، قېيىن ئاتىسىنى مىھمانخائۆيگە ئورۇنلاشتۇردى ..
بالا بولسا ئانىسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندەك ھەيرانلىق ئىچدە قاراۋاتاتتى………
(ئۇنۇتماڭ، سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۈلگىسىسىز!)

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *