تىرىشچانلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-20 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 160 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تىرىشچانلىق

ئادەمنى زەئىپلەشتۈرۈۋېتىدىغان شۇنداق بىر خىل ئەقىدە باركى، ئۇ ئىزگۈلۈكنى بايقاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تاشقىرى بەزى نەرسىلەرگە تايىنىدۇ.
ئەخلاقىي تىرىشچانلىق ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولمىغان ھايات چۈشكە ئوخشايدۇ.
مەن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىش، مېنىڭ قۇدرىتىم دائىرىسىدە بولىدۇ؛ مەن يۇلۇققان ئىشلار بولسا مېنىڭ قۇدرىتىم دائىرىسىدە بولمايدۇ. مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ مېنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمغىلا ياردەم بېرىدۇ.
ئەگەر، بىراۋ ئۆز ھاياتىنى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، دەپ قارىسا تاشقىي مۇھىتنى ئالماشتۇرۇشقا چارە ئىزدىسە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مۇكەممەللەشتۈرسە بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭدىن ئاۋۋال چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا بۇنى قىلىپ كېتەلەيسىز.

10-ئاينىڭ 20-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *