روھ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-02 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 139 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قۇرت-قوڭغۇزغا سېلىشتۇرغاندا ئادەم ئاڭلىق كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ بۈيۈك ۋە مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بىراق، يەر شارىنىڭ چوڭلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ تولىمۇ كىچىك، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ. قۇياشقا سېلىشتۇرغاندا، يەر شارى كىچىك بىر زەررىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقا غايەت زور يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، قۇياش يەنىلا كىچىك. بېشىمىزدىكى قۇياش ۋە يۇلتۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنىڭ جىسمى قانچىلىك؟ ھېچقانچە ئەمەس.
كىشىلەر بەزىدە: «سىز خۇدانى ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. بۇ ياخشى سورالغان سوئال. خۇدانى ئۇنتۇش، سىزنىڭ ئۆز ئىچىڭىزدە باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت بولغان ئۇ بىرسىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. خۇدانى ئەستە چىڭ تۇتۇش، راستتىنلا چەكسىز چوڭ ئىش−خۇدانى ياد ئېتىڭ، بىراق ئېغىزدىلا ئەمەس، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىر بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇڭ.
مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنى روھىي مەۋجۇدىيەت دەپ بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بارچە ئازابلاردىن ئازاد قىلالايسىز. مەيلى سىز قانچىلىك بەختسىزلىككە يولۇقماڭ، قەلبىڭىز يارىلانمايدۇ.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *