ئېتىقاد

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-01 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 149 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھەر بىر ئادەم ئۆز قەلبىدە مەلۇم ئۇلۇغۋار نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسى دىندۇر.
دىننىڭ پەرھىزلىرى تولىمۇ ئېنىق ۋە ئاددىي، كىشىلەر ئۇنى بىلمەيمەن دەپ سەۋەب كۆرسەتكۈدەك يوچۇق قالدۇرۇلمىغان.
قەۋم ئىچىدە بىر مۇپتى بار ئىدى، ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ كۆرمەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: «ئۇستاز، ئەمەل قىلمىساق بولمايدىغان ئەڭ چوڭ پەرھىز قايسى؟» ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا ئېيتتىكى: «پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل نىيەت-ئىقبالىڭىز بىلەن رەببىمىزنى سۆيمەك. مانا بۇ پەرھىزلەرنىڭ بىرىنچىسى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا، بەندىلەرنى سۆيۈڭلار، دېگىنى. بۇ ئىككى پەرھىز دىنىمىز ئەھكامى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىز ئەمەل قىلىدىغان ئومۇمىي قائىدە-يوسۇنلاردۇر.»
−«ماتتې ئىنجىلى» 22-پارە، 35-40 سۈرە
چىن ئېتىقاد ئاتا قىلغان ئەقلى ئىقتىدارنىڭ قۇدرىتى، ھەر خىل ئېتىقادلارنىڭ ئاساسىدۇر. خۇدانى تۇنۇشتىن ئىبارەت شۇ خىل ئەقلىي قۇدرەت تۆۋەن مۆلچەرلەنسە، خۇداغا ھەقىقىي ئىشىنەلمەيسىز.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *