ئېتىقاد

يوللانغان ۋاقتى : 2012-04-18 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 152 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خرىستىئان تەلىملىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتسىڭىز، مائارىپىمىزدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تونۇپ يېتەلەيسىز.
باشقىلارغا يالغان سۆزلەش، رەزىل قىلمىش، بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ رەزىل بولغىنى ئۆزىڭىزگە يالغان سۆزلەشتۇر، جۈملىدىن، ئېتىقاد جەھەتتە.
مەلۇم بىر ئاخىرقى، ھەقىقىي ئېتىقاد دەپ قارالغان ئەقىدىلەر سىزنىڭ ئەقىل-ئىدرىكىڭىز ئارقىلىق توغرىلىقى ئىسپاتلىنىشقا تېگىشلىك.
ھەر بىر يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە زەھەر بار؛ دۇنيادا زىيان-زەخمەتسىز يالغانچىلىق يوق. پەقەت ھەقىقەتلا بىخەتەر، ئىشەنچلىكتۇر؛ ھەقىقەتلا بىزنىڭ پۇختا تايانچىمىزدۇر؛ ھەقىقەتلا بىزنىڭ قەلبىمىزگە تەسكىن بېرەلەيدۇ−ھەقىقەت يىمىرىلمەس مۇستەھكەم ئالماس.
ھەقىقىي ئېتىقاد شۇنداقكى، سىز تاشقى كۆرۈنۈشتىكى مۇراسىم ۋە ھۆرمەتلەر−بېشىدا كۆتۈرۈشلەردىن ئۇنى تاپالايسىز، باشقىلار بىلەن بولغان ئىناقلىقتىن ئۇنى تاپالايسىز.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *