سىز بىلمەيسىز،ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-19 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 336 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ،
توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە
يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئۇ
پاقىنى ئۆلتۈرۈپ توپنى ئالماقچى بولۇپ پالاقنى كۆتۈرىشىگە پاقا توپنى چىقىرىۋىتىپ
گەپ قىلغىلى تۇردى :
‹‹مىنى ئۆلتۈرىۋەتمە ، مەن ئادەتتىكى پاقا ئەمەس ، سىھىر
ئىشلىتەلەيمەن . ئەگەر مىنى
قويىۋەتسەڭ ئۈچ ئارزۇيىڭنى قاندۇرىمەن .››
ئايال
پاقىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى
- سەن ئارزۇيىڭنى ئەيتىشتىن بۇرۇن ساڭا شۇنى
ئەيتىپ قوياي – دىدى پاقا – ھەر بىر
ئارزۇيىڭنى ئەيىتقاندا ئىرىڭمۇ ئارزۇيىڭدىن
تەڭ بەھرىمان بولىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىرىشكىنى سىنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ
.
ئايال پاقىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ھاياجانغانلىقىدىن ئالدىراپ قوشۇلىدىغانلىقىنى
بىلدۈردى ، ھەمدە كۆڭلىدە سان بولغاچقا ، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئايال بولۇشنى
ئويلايمەن دىدى .
پاقا دەرھال ئۇنىڭ گىپىنى بۆلدى :
- ئىسىڭدە بولسۇن ئىرىڭمۇ
ئەڭ كىلىشكەن ئەر بولۇپ قالىدۇ ، ھەتتا ئەپسانىلەردىكى جەزىبىدار يىگىتمۇ ئۇنىڭ
ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىيىغا چۈشىدىغان ئاياللارنىڭ
ئايىغى بىسىقمايدۇ .
- بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك نىمىسى بار – دىدى ئايال مەن تەڭداشسىز
ساھىپ جامالغا ئايلانسام ، ئەجىبا ئۇنىڭ كۆزى مەندە بولماي باشقىلارغا چۈشەمدىكەن
!
ئۇ شۇئان تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلاندى .
- ئىككىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك
دىدى ئايال ئۇلاپلا – جاھاندىكى ئەڭ باي ئايال بولماقچىمەن .
- ئىسىڭدە بولسۇن ،
ئىرىڭنىڭ بايلىقى سەندىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ .
- غەم قىلىش ھاجەتسىز – دىدى
ئايال جاۋابەن – مىنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭغا مەنسۈپ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايلىقىمۇ ماڭا
مەنسۈپ – تە .
ئۇ شۇئان جاھاندىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلاندى .
- ئۈچىنچى
ئارزۇيىمغا كەلسەك ….. – دىدى ئايال قوشۇمىسىنى تۇرۇپ ئويلانغىنىچە ، ئارقىدىن
پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويدى ، – تاپتىم ، مىنى ئانچە ئىغىر بولمىغان ، بىر
ئوپراسيە بىلەنلا ساقىيىپ كىتىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلغىن
….
بۇ ھىكايە بىزگە شۇنداق ساۋاق بىرىدۇ : ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ
ئەقىللىق .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *