ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار ئىكەن
سىز دائىم چېچىلىپ، ئاچچىقلىنىپ، خاپا بولۇپ تۇرامسىز؟ گىرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، پات-پات ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋىتىش سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن، ئۇندىن باشقا بۇنداق قىلىش ئارقىلىق يەنە تېخى ئۆمۈرنى ئىككى يىل ئۇزارتقىلىمۇ بولىدىكەن.
گىرمانىيە جىنا ئونۋېرىستېتى (Jena University) (ئۇندىن باشقا يەنە فرېدىرچ سچىللېر ئونۋېرىستېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا تەخمىنەن 6000 دىن ئارتۇق ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، پات-پات ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ تۇرمايدىغان، يەنى دەردىنى ئىچىگە يۈتىدىغان كىشىلەر دائىم دېگۈدەك خامۇش يۈرىدىكەن، قېرىشىمۇ تىزلىشىپ كىتىدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق بولىۋەرسە يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كىسىلى، راك كىسىلى، بۆرەك كىسىلى ۋە بۆرەكنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ ئاشكارلىدى، ئادەتتە ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى بىلىدىغان ۋە قائىدە سۆزلەيدىغان ئەنگىلىيەلىكەرگە قارىغاندا، مىجەزى ئىتتىك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئىتالىيەلىكلەر ۋە ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئىككى يىل ئۇزۇن بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، دائىم تەن سالامەتلىكىنى ياخشى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ برى بولسا پات-پات ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋىتىش ئىكەن. ئامېرىكا پىتتسبۇرگ كارنېگىيا-مېللون ئونۋېرىستېتى (Of Pittsburgh, Carnegie – Mellon University) نىڭ ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدىن ئايان بولىشىچە، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا ئاچچىقلىنىش ئادەمگە بىر خىل ئۈمىدۋار ياشاشنى ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ خۇشال يۈرۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ «ساغلام پىسخىكاشۇناسلىق» دېگەن ژورنالدا ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەردىنى ئىچىگە يۇتىدىغان كىشىلەرنىڭ كىسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 26-چىسلا مەزكۇر تەتقىقات تۈر خىزمىتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن بىرى بولغان ماركۇس موند (Marcus Mond) نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە:« بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزىنىڭ قورقۇش ھىسىياتىنى يوشۇرۇش، دائىم ئۆزىنى قوغداش تىپىدىكى ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلار خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىكەن، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.»
«مەسىلەن، بېسىمى ئېغىر بولغان بەزى بىر ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك تىز سېلىپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېسىم ھىس قىلىش ۋە ئىككىلىنىشتەك ھەرخىل كەيپىياتتا بولىدىكەن.»
بىراق ماركۇس موند يەنە مۇنداق دېدى، «دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش خاراكتىرى» دىكى كىشىلەر ھەممىلا يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ بەزى بىر قىسىم كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ياخشى بولمىغان كەيپىياتتىن قۇتۇلۇش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تىز بولىدىكەن. «ئۇلار ھەممە نەرسىنى كونتىرول قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ رىتىمىغىمۇ ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.»
پات-پات ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇشنىڭ قان بېسىمىنى بىر قەدەر تۆۋەن نىسبەتتە كونتىرول قىلىشقا پايدىسى بار، بېسىمنى يىنىكلىتىشكىمۇ پايدىسى بار ئىكەن. ئەگەر ئادەم قورقۇنۇش ۋە روھى چۈشكۈنلۈك كەيپىياتىدا بولسا ئىچكى ئاجراتمىلار كۆپلەپ ئاجرىتىپ چىقىرىلىدىكەن ۋە شۇنداقلا قان بېسىمى يۇقىرى كۆتىرىلىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ نىسبىتى يۇقىرلاپ كىتىدىكەن.
بۇندىن بۇرۇن شىۋىتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئەرلەر ئۇزۇن مۇدەت ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى ۋە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرسە يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىدىكەن. سىتوكھولم ئونۋېرىستېتى (Stockholm University) بېسىم تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا جەمئىي 2755 نەپەر ئەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش سۇئال قەغىزى شەكلىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز باشلىقىنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئادىل بولمىغان مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا كۆرسىتىدىغان ئىنكاسىنى تەكشۈرگەن. بارلىق تەكشۈرۈلگۈچى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈش باشلانغاندا يۈرۈك كىسىلىگە گىرىپتار بولمىغان بولۇپ، 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 47 نەپىرى يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ياكى بولمىسا يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. تەتقىقاتچىلار شۇنى ئېنىقلاپ چىققانكى، دائىم دەردىنى ئىچىگە يۇتىۋىتىدىغان كىشىلەر ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە يۇلۇققاندا بىۋاستە ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن ئاندىن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ئۇنچە بەك يۇقىرى ئەمەس ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا 2500 نەپەر ئايالغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ئاياللارنىڭ يۈرەك كىسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالدا ئانالىز قىلىش بىر قەدەر قىيىنغا چۈشكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ئىكەن.