ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كونا _ يېڭىلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 / سەھىپە تۈرى : كومپيوتېر / كۆرۈلىشى : 172 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەك پلاستىنكىسى ئۈستىدە 9811 غا ئوخشاش خەت شەكىللىرى بولىدۇ. بۇ مۇشۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 1998 _ يىلىنىڭ 11 _ ھەپتىسى زاۋۇتتىن چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كالېندار ئارقىلىق RAM نىڭ كونا _ يېڭىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئەسلىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ 64MB, يېقىندا 128MB ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى سەپلىگەن ئىدىم، Windows2000 قوزغىلىپلا كومپيۇتېر قېتىۋالدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ ئېنىقكى، ئىككى تال ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلاشماسلىقىدىن بولغان، كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ BIOS دىن كېيىن سەپلىگەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ خىزمەت ھالىتىنى ئەسلىدىكى تۆۋەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ھالىتى بىلەن بىردەك قىلىپ تەڭشىگەندە مەسىلە ھەل بولىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇڭ. باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرىغا يۆتكەپ كۆرۈڭ. مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى بىر تال ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىڭ.
ئىچكى ساقلىغۇچ سېتىۋالغاندا باشتىن ئاخىر ئوخشاش ماركىلىقىنى سېتىۋېلىڭ. ياخشى ماسلىشىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *