بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

يوللانغان ۋاقتى : 2012-08-03 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 145 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

ھەر قانداق جانلىق باشقىلارنىڭ جەبرى-زۇلۇم سېلىشىنى خالىمايدۇ. ئادەملەرگە جەبرى-زۇلۇم سالماي، خۇن تۆكمەيلا قالماي، ئازابىڭىزنى باشقىلارغا يۈكلەپ قويماڭ، بەلكى باشقا ھايۋانلارغىمۇ شۇ تەرزدە مۇئامىلە قىلىڭ.
ئادەم قانچە ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، شۇنچە مېھرىبانلىشىدۇ-دە، باشقىلارنىڭ جىسمىدىن ئۆزىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان بولىدۇ. ھاماقەت، ۋەھشىي ئادەملا باشقىلارنى «پەرقلىق، يات» كۆرىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازلىرى يېتۈك ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەۋلىيا-ئەنبىيالارچە ئىقتىدارغا ئىگە، ھالبۇكى، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەممىسىلا ئۇلارغا ئىگە بولالايدۇ، چۈنكى، ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە بىر خىل مەنىۋى قۇدرەت بار.
ئۆزىمىزنى ئازاب-ئوقۇبەت چەككۈچىنىڭ ئورنىغا قويالىساق، ئاندىن بىزدە ھەقىقىي ھېسداشلىق پەيدا بولىدۇ.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *