تەقۋادارلىق
بىر كۈنى بىر ياش چۈش كۆرۈپتۇ . ئۇ چۈشىدە ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، ئۇ ئۆزىنى بۇ دۇنيادا تەقۋادارلىق بىلەن ياشىدىم دەپ ئويلايدىكەن كىشلەرمۇ ياخشى بالا دەپ تەرىپىنى قىلىشاتتىكەن . ئەمما ئۇنىڭ سۇئال سۇراقلىرى بەكمۇ ئىغىر ھالىتىدە بولۇپتۇ .
بىرىنجى بولۇپ ئۇنىڭدىن سەن لائىلاھە ئىللاللاھ دەپ شاھادەت ئىيىتىڭمۇ دەپ سورۇلۇپتۇ .
ئۇ جاۋابەن ھەئە دەپتۇ .
ياق سەن كەلىمە شاھادەت ئىيتىڭيۇ لىكىن چىن قەلبىڭدىن ئەمەس دەپتۇ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى .
لىكىن ياش كەلىمە شاھادەتنى ئىيتقان بىلەن ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمەي قارۇغىلاچە ئىيتقان ئىكەن .
ئىككىنجى بولۇپ سەن كىشلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىيالىدىڭمۇ دەپ سورلۇپتۇ .
يىگىت ھەئە دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . ياق سەن ئۇرۇق تۇققان ،ئىنى سىڭىللىرىڭنى ياخشىلىققا بۇيرىيالىغىنىڭ بىلەن ئەتراپىڭدىكى ئىزىپ كەتكەن زىناخور ئەرلەر بىلەن يالىڭاچ ئاياللار،پاھىشە قىزلار ئوقۇش يىشىغا توشقان كىچىك بالىلار بىلەن كارىڭ بولمىدى دەپتۇ .
ئۈچۈنچى بولۇپ سەن ناماز ئوقىدىڭمۇ دەپ سورلۇپتۇ .
يىگىت خۇشال بولغان ھالدا بۇسۇئالدىن ئۆتەلەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ ھەئە بەش ۋاقىت ناماز ئوقىيتىم دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ياق !!! دەپتۇ پەرىشتە سەن ناماز ئوقىغان بىلەن ناماز ۋاقتىغا ئىتىبار بەرمىدىڭ ، ناماز نى ئەستايىدىل ئادا قىلمىدىڭ ، جامائەت نامىزىغا ئاز باراتتىڭ ، ئەتراپىڭدىكى نامازسىز لارغا ناماز ئۈگەتمىدىڭ دەپتۇ .
تۆتىنجى بولۇپ كىشنىڭ ھەققى ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلاندىڭمۇ دەپ سورلۇپتۇ . يىگىت ھەئە دەپتۇ جاۋابەن .
ياق !!! سەن كىشنىڭ ھەققى ئۆتۈپ قىلىشتىن ھەر دائىم ئاللاھتىن پانا تىلىدىڭيۇ لىكىن سەن قىلغان تىجارىتىڭ ، كىشلىك مۇناسىۋەت ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىردا بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كىتەلمىدىڭ دەپتۇ .
بەشەنجى بولۇپ ئاللاھ ياراتقان بەش ئەزايىڭنى نىمىگە سەرىپ قىلدىڭ دەپ سورلۇپتۇ .
ئۇ مەن كۆزۈمنى قۇرئان ئايەتلىرنى كۆرۈپ ئوقۇشقا ئاللاھنىڭ ياراتقان مەۋجۇداتلىردىن كۆرۈپ شۈكۈر ئىيتىشقا قۇلقىمنى قۇرئان ئاڭلاشقا، ئىغزىمنى قۇرئان ئوقۇش ۋە دەئۋەت ئىلىپ بىرىشقا ، پۇت قولۇمنى ياخشىلىق قىلىشقا سەرىپ ئەتتىم دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . ياق دەپتۇ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى !!! سەن كۆزۈڭنى نامەھرەملەردىن ساقلىيالمىدىڭ ، قۇلقىڭنى ناخشا مۇزىكا ،ۋە يامان سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن ساقلىيالمىدىڭ ،ئىغىزىڭنى غەيۋەت – شىكايەتلەردىن ،يامان سۆزلەردىن ساقلىيالمىدىڭ ،پۇت قولۇڭنى ياخشى ئىشلارغا سەرىپ قىلدىڭيۇ يەنىلا رىيا تەمەدىن يىراق تۇرالمىدىڭ دەپتۇ . يىگىت تەرگە چۆمۈپتۇ .پەرىشتىلەر توختىماستىن سۇئال سوراقنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .
سەن ئاللاھ بەرگەن شۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتالىدىڭمۇ ؟
سەن ئاللاھ بەرگەن پۇل مالدىن زاكات بىرەلىدىڭمۇ ؟
سەن دىنىڭنى ئاللاھ يولىدا قوغدىيالىدىڭمۇ؟
سەن پەيغەمبەر يولىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭالىدىڭمۇ ؟
سەن ئاتا ئاناڭغا ياخشىلىق قىلالىدىڭمۇ ؟
سەن ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر ھەمدۇ سانا ئىيتالىدىڭمۇ ؟
سەن ھاياتىڭدا قانداق قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلدىڭ ؟………. . . . . . . ! !!
يىگىت نىمە دىيشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ لا قاپتۇ .
شۇ چاغدا ئاللاھتىن بۇيرۇق كىلىپ بۇنى دوزاخقا مەھكۈم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ .
ئۇ دوزاخ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ قارغۇدەك بولسا شۇنداق بىر ئىچىنىشلىق بىرمەنزىرە كۆزئالدىدا نامايان بوپتۇ قارغۇدەك بولسا بۇ دۇنيادا شۇنداق خاتىرجەم ئۆلمەيدىغاندەك ياشىغان قىز ئاياللار ، ئەرلەر ، قىرى موماي بوۋايلار ، ياش ياش يىگىتلەر ، ياش ياش قىزلار ئىچىنىشلىق ھالاتتە قىينىلۋاتقۇدەك .
بۇنى كۆرگەن يىگىت پەرىشتىدىن سوراپتۇ : ھەي ئاللاھنىڭ پەرىشتىسى ئاۋۇ دوزاخ ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولۇپ ئۆلۈپ يەنە تىرلىپ يەنە كۆيۈپ يەنە تىرلىپ ئازاپ تارتىۋاتقان ئايال ياپياشلا تۇرۇپلا دوزاخقا مەھكۈم قىلنىپتۇغۇ دەپتۇ .
ھەي ئەخمەق ئۆلۈم قىرى ياش دىمەيدۇ ، ئۇ ئايال بولسا ھايات ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى بىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغان ئايال .
ئاۋۇ بولسا كىيىم كەيگەنۇ لىكىن يەنىلا يالىڭاچ ھالىتىدە ياشاپ ئۆتكەن ( ھازىر مودىغا ئايلانغان شەنكۇ ، نىپىز تار كىيىم ، بەدەننىڭ ئەۋرەت يەلىرى چىقىپ قالغان كىيىمنى دىمەكچى ) خوتۇن قىزلار ، ئاۋۇلا بولسا ئەرلىرنىڭ گىپىگە كىرمەي سىرىتلاردا باشقا ئەرلەر بىلەن يۈرگەن ئاياللاردۇر .. . . . .
ئاۋۇ ئەرلەرچۇ دەپ سوراپتۇ دوزاختىكى قان يىرىڭ ئىقىۋاتقان . ئوت لاۋۇلداپ كۆيۋاتقان دەريادا كۆيدۈرلىۋاتقان ، سۇغىرلىۋاتقان ئەرلەرنى كۆرسىتىپ .
ئۇلار بولسا ھايات ۋاقتىدا ئاتا – ئانىلىرنى قاخشاتقان ، توي قىلغان بولسىمۇ ئايالى بىلەن كارى بولماي باشقا ئاياللار بىلەن زىنا پاھىشە قىلغان ، قىزلارنى قاخشاتقان يىغلاتقان ، كىشنىڭ ھەققىنى يىۋالغان ، كەيىپ ساپا قىمار بىلەن شۇغۇللانغان ، ھارامنى ھالال سانىغان .. . . . . . . . . ! ! ! كىشلەردۇر دەپتۇ .
بۇنى كۆرگەن يىگىت شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىزلا ئوت ئىچىگە تاشلىنىپتۇ .
بۇ چاغدا يىگىت چۈشىدىن ئويغىنىپ كىتىپتۇ . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن يىگىت ئۇ دۇنيانىڭ سورقىنىڭ يامانلىقىنى تونۇپ يىتىپتۇ . ۋە بۇ دۇنيادا تىخىمۇ تەقۋادارلىق بىلەن ياشاپتۇ .
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان