تاغلاردەك مەزمۇت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 153 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
تاغلاردەك مەزمۇت

ئۇ ھەم باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ھاياتنى سۆيىدىغان، ئىمان – ئېتىقادلىق ئايال ئىدى. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا، ئىشلىرىغا ئېگە بولغۇچى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە رازى بولغان، ئۇ زاتنىڭ ھۆكمىگە ۋە ھۆكۈم چىقارغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئىمان ئېمتىھانى ئېلىنغان، راستچىللىقى سىنالغان، ۋە پىتنىگە يولۇققاندا بۇ ئېمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتكەن.

ئۇ ھېچنىمنى ئاڭلىماس بىر گاسمۇ تاقەت قىلالمايدىغان تىل – ھاقارەت، بالايى – ئاپەتكە قالغاندا، تاغدەك مەزمۇت، پولاتتەك ئىرادە بىلەن ئۆز مەيدانىدىن تەۋرىمىگەن. جىستۈ – جاسارەتلىك، غەيرەت – شىجائەتلىك ئايال ئىدى. جانابى ھەق ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي ئىمان، مۇستەھكەم ئېتىقادقا يارىشا، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتقان. ئۇنداقتا، ئۇ ئايال كىم؟

ئۇ يەنە شۇنداق ئايالكى، تالاي يىللار كۇپۇر[1] ۋە شېرىكتە ئۆتۈپ، ھاياتىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىدا، ئىمان بىلەن شەرەپلەنگەن. ئۇنداقتا، ئۇ زادى كىم؟

ئۇ ئايالنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) تەرىپىدىن خەۋىرى بېرىلگەن. ئەمدى بۇ ئۇزۇن قىسسىنىڭ بايانىغا كېلىمىز:

سۇھەيب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ شاھنىڭ بىر سېھرىگىرى بار ئىدى. ئۇ سېھرىگەر قېرىغاندا پادىشاھتىن، ‹پېقىرغا قېرىلىق يەتتى، بىر شاگىرتقا ئىجازەت قىلسىلا، ئۇنىڭغا ھۈنىرىمنى ئۆگەتكەن بولسام › دەپ ئىلتىماس قىلىدۇ. شاھ ئۇنىڭغا بىر بالىنى شاگىرتلىققا ئىۋەرتىدۇ.

بالا ئۇستازىنىڭ قېشىغا كېتىۋېتىپ، بىر راھىبقا ئۇچراپ قالىدۇ – دە، ئۇنىڭ قېشىدا سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ راھىبقا قىزىقسىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھەر كۈنى سېھرىگەرنىڭ يېنىغا بارغۇچە راھىبنىڭ قېشىدا ئولتۇرىدىكەن. سېھرىگەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇستازى ئۇنى‹كېچىكىپ قالدىڭ› دەپ ئۇرىدىكەن. بالا بۇ ئىشنى راھىبقا شىكايەت قىلىپتۇ. راھىب ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر سېھرىگەردىن قورقساڭ، ئۇنىڭغا مېنى ئۆيدىكىلەر كېچىكتۇرۇپ قويدى› دېگىن، ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەردىن قورقساڭ، ‹مېنى سېھرىگەر ھايال قىلىپ قويدى› دېگىن- دەپتۇ.

بالا شۇنداق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بېرىدە، ئۇشتۇمتۇت يوغان بىر ھايۋان پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يولىنى توسىۋاپتۇ. بالىنىڭ كۆڭلىگە، ‹راھىب ئۈستۈنمىدۇ ياكى سېھرىگەرمىدۇ؟ بۈگۈن بۇنى بىر بىلىپ باقاي› دېگەن خىيال كەپتۇ – دە، قولىغا يوغان بىر تاشنى ئېلىپ، ‹ئى، ئاللاھ، ئەگەر ساڭا راھىبنىڭ ئىشى سېھرىگەرنىڭكىدىن ياخشى بولىدىغان بولسا، قولۇمدىكى بۇ تاش بىلەن ھايۋاننى ئۆلتۈرگىن، كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولسۇن.› دەپ تاشنى بىر ئاتقانكەن، ھايۋان ئۆلۈپتۇ. يول راۋانلىشىپتۇ. بالا بۇ ئىشنى راھىبقا دېگەن ئىكەن. راھىب، ‹بالام، سەن بۈگۈن مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن، مەن يەتكەن ماقامغا يېتىپسەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، سىناققا دۇچ كېلىسەن، سىنالغان چېغىڭدا مېنى ئاشكارىلاپ تاشلىما.› دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ. كېيىنچە بالا قارىغۇ، ئاق كېسەل ۋە باشقا كېسەللەرنىمۇ داۋالايدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ بىر كور بولۇپ قالغان ئۈلپەتدېشى بۇنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن سوۋغا – سالاملار بىلەن كېلىپ، بالىغا دەپتۇ: ‹ئەگەر كۆزۈمنى داۋالىيالىساڭ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا سوۋغا قىلىمەن.›

‹مەن ھېچكىمنى ساقايتالمايمەن. پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ، سەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتساڭ، مەن ئاللاھقا دۇئا قىلاي، ئاللاھ ساڭا شىپالىق بەرسۇن› دەپتۇ. ئۇ كىشى ئىمان ئېيتىپتۇ، ئاللاھ شىپالىق بېرىپتۇ.

ئۇ كشى شاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاۋالقى ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ. شاھ ئۇنىڭدىن ‹كۆزۈڭنى كىم ساقايتىپ قويدى› دەپ سورىغانىكەن، ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپتۇ:

- سېنىڭ مەندىن باشقىمۇ پەرۋەردىگارىڭ بارمۇ – ئەجابا!؟

- ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر.

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى قاتتىق قىيناپتۇ. ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ. بالا شاھنىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ بالىغا:

ئوغلۇم، سېنىڭ سېھر ماھارىتىڭ شۇ دەرجىگە يېتىپتۇكى، قارىغۇ ۋە ئاق كېسەللەرنىمۇ داۋالىيالايدىكەنسەن، خېلى – خېلى ئىشلارنىمۇ قىلالايدىكەنسەن – ھە!؟ – دەپتۇ.

- ياق، مەن ھېچكىمنى داۋالىيالمايمەن، شىپالىق پەقەت ئاللاھ تەرەپتىندۇر – دەپتۇ، بالا. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنىمۇ قاتتىق قىيىن – قىستاققا ئاپتۇ. ئاخىرى بالا راھىبنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. راھىب ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ.

پادىشاھ ئۇنى دىنىدىن يېنىشقا قىستاپتۇ، راھىب ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ راھىبنىڭ بېشىنى ھەرىدەپتۇ، راھىبنىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ھېلىقى ئۈلپەتدېشىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ، ‹دىنىڭدىن يان› دەپتۇ. ئۇمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىمۇ ھەرىدەپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىپتۇ. نۆۋەت بالىغا كەپتۇ. ئۇنىمۇ دىنىدىن يېنىشقا زورلاپتۇ. بالا ئۇنىمىغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنى قول ئاستىدىكى بىر توپ ئاتارمەن – چاپارمەنلەرگە تاپشۇرۇپ، سىلەر بۇنى پالانى تاغقا ئېلىپ چىقىڭلار، تاغ چوققىسىغا چىققاندا، ئۇ يەنىلا دىنىدىن يانمىسا ئۇنى تاغدىن تاشلىۋېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلىپتۇ. ئۇلار بىر تاغقا چىقىپتۇ. بالا، «ئى، ئاللاھ، مېنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىر رەۋىشتە ساقلاپ قالغىن» دەپتۇ. شۇ ئان، تاغ تەۋرەپ، پادىشاھنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن، ‹قېشىڭدىكىلەرگە نېمە بولدى› دەپ سوراپتۇ. ‹ئاللاھىم مېنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، بالا.

پادىشاھ بالىنى يەنە بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، بالا، «ئى، ئاللاھ، ئۆزۈڭ خالىغان بىر رەۋىشتە مېنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قالغىن» دەپ دۇئا قىپتۇ. شۇ چاغدا، كېمە ئۆڭتۈرىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن، ‹ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟› دەپ سوراپتۇ. بالا، ‹ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. سەن مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىغۇچە، مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن.› دەپتۇ. پادىشاھ، ‹قېنى ئېيىت!› دەپتۇ. بالا، «سەن خالايىقنى بىر تۆپىلىككە يىغىپ، مېنى خورمىنىڭ شېخىغا ئاسقىن، ئاندىن ئوقدىنىمدىن بىر تال ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ، ‹‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن› دەپ ئاتساڭ، مېنى ئۆلتۈرەلەيسەن› دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن شاھ خالايىقنى بىر دۆڭگە يىغىپ، بالىنى بىر خورما شېخىغا ئېسىپتۇ. ئاندىن ئوقداندىن ئوقنى چىقىرىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ، ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن› دەپ ئۇنىڭغا ئوق ئۈزۈپتۇ. ئوق بالىنىڭ چېكىسىگە تېگىپتۇ. ئۇ پىشانىسىنى تۇتقان ھالدا جان بېرىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرغۇن خالايىق، ‹بىز بالىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىشەندۇق، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق› دەپ توۋلىشىپ كېتىپتۇ. كىشلەر شاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ‹باق، ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىمان ئېيىتتى.› دەپتۇ.

بۇ ئىشتىن كېيىن پادىشاھ دوقمۇش – دوقمۇشقا چوڭقۇر ئازگال كولاپ، ئوت يېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوت ئۇلغىيىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ، ‹كىمدە كىم دىنىدىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئوت ئازگىلىغا تاشلاڭلار، ياكى ئۆزىنى سەكرىتىڭلار› دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇنداق قىلىپتۇ. شۇ ئەسنادا، قولىدا، بوۋىقىنى كۆتۈرگەن بىر ئىمانلىق ئايال ئوت ئازگىلى ئالدىدا، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغاندا، بالىسى زۇۋانغا كېلىپ، ‹چىداڭ، ئانىجان، شۈبھىسىزكى، سىز ھەقىقەت ئۈستىدە.›» دەپتۇ.

- مۇسلىم رىۋايىتى

قانداق ئېسىل مۆئمىن ئايال – ھە، ئۇ! ئۇ ئۆزىنىڭ ئوت دېڭىزنىڭ بويىدا تۇرغانلىقىنى، ئۆزىنى كۈتىۋاتقىنىنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت قاينىمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ – يۇ، تايماستىن، قايماستىن ئالدىغا قەدەم تاشلىيالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئوت يالقۇنىدا ھالاك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

ئۇ ھېچ قانداق گۇناھسىز ۋە غۇبارسىز بىر سەبىگە قارىۋىدى. بالا زۇۋانغا كېلىپ، ئىشەنچ بېغىشلاپ، ئۇنى ئوتقا ئالدىراتتى. «ئانىجان، چىدىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەت ئۈستىدە».

ئادەتتە، ئوتتىن كىچىكلەردىن بەكرەك چوڭلار قورقىدۇ. ئوت ھارارىتى ۋە يالقۇنى بىلەن قورقۇتىدۇ. بۇ بوۋاق ئانىسىنى ئالغا ئۈندىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئاللاھ تەرەپتىن ئۇ ئايالغا ئىنئام قىلىنغان مۇستەھكەملىكتۇر، بەس!

ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنئام ئايالنىڭ ھەقىقىي ئىمانىغا بېرىلگەن. بۈگۈنىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاياللار ئۇنداق لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنغا ئىتتىرىلمەيدۇ بەلكى، ياپ – يېشىللىق بوستانلار ئۇلارنىڭ ئارامگاھى، ئۇلار پەقەت ئۆز دىنىنى ئۆگىنىشكە، ئۆز گۈزەللىكىنى نامەھرەملەرنىڭ نالايىق نەزەرلىرىدىن يوشۇرۇپ، ئىسلامى كېيىنىشكە چاقىرىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ياپ – يېشىللىق بوستاننى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى ئۆزى خاھىشى بىلەن دوزاخ ئوتىغا باشلاپ قېلىۋاتىدۇكى، بۇ ئىماننىڭ مىۋىسى ئەمەس بەلكى، ئاسىيلىقنىڭ ئوقىبىتى، خالاس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) مۇبارەك لەفىزلىرى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار، بىر كىشى ئوت ياققان، ھاشارەت، پەرۋانىلەر ئۆزىنى ئۇ ئوتقا ئېتىۋاتقان، يەنە بىر كىشى بولسا، ئۇلارنى ئوتتىن توسۇۋاتقان بىر كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇكى،  مەن بولسام ئوتقا چۈشۈپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلاردىن تۇتىۋېلىۋاتىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئوتقا تاشلاۋاتىسىلەر» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

شۇنداق، ئۆز نەپسى – خاھىشىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئۆزىنى ئوتقا تاشلاۋاتقانلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئاخىرەت ئوتىدىن قېچىپ، ئالدىدىكى ئوتقا ئۆزىنى تاشلاۋاتقانلار ھەم باركى، «بۇرج» سۈرىسىدە، تىلغا ئېلىنغان ئۇ قەۋم دەل ئىمانى مۇستەھكەملىك بىلەن ئاخىرەت ئوتىدىن قېچىپ، ئالدىدىكى ئوتقا ئۆزىنى ئېتىشقا ئالدىرۋاتقانلاردۇر.

ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، پادىشاھ كوچا ئېغىزلىرىغا چوڭقۇر ئازگال كولاپ، ئۇنىڭغا ئوت ياقتۇرۇپ، ئوت ئۇلغايغاندا، «كىم دىنىدىن يانىدىكەن، ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، ئەگەر يانمايدىكەن، ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دەپ پەرمان چۈشۈرىدۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى كىشىلەرنى ئوتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، دىنىدىن يېنىشقا كۈشكۈرتىدۇ. بىراق ئۇ ئىمان ساھىبلىرى قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي جەننەتلەر ۋە ئۆستەڭلەرگە ئۆزىنى ئاتىدۇ.

]مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلنىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار شۈبھىسىزكى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر.[ (‹ بۇرۇج › سۈرىسى، 10-، 11- ئايەتلەر)

 

 

[1] كۇپۇر ( كۇفۇر ) – ئىشەنچسىزلىك، ئېتىقادسىزلىق – ت

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *