كۈنجۈتلۈك گۆش قورۇمىسى
ماتېرىيالى: قوي گۆشى 400 گرام، باش پىياز 1باش، تۇخۇم 3 دانە، كۈنجۈت، كىراخمال، قۇيرۇق ماي، سۇ ماي
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاقمۇچ، زەنجىۋىل سۈيى
تەييارلاش ئۇسۇلى : گۆش، باش پىيازنى گۆش يۇمشىتىش ماشىنىسىدىن (يۇمشاق چانىساقمۇ بولىدۇ) ئۆتكۈزىمىز. بىر قاچىغا سېلىپ تۇز، ئاقمۇچ، زەنجىۋىل سۈيى، كىراخمال، تۇخۇم (بىردانە) بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۇپ قويىمىز.
ئىككى دانە تۇخۇمنى چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قازاننى بوش ئوتقا قويۇپ قازان قىزىغاندا قۇيرۇق ماينى قازانغا تەكشى سۈركەپ (پوشكالنىڭ قازانغا چاپلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن)، تۇخۇمنى قازانغا قويۇپ تەكشى يېيىتىپ تۇخۇم چەلپىگى (پوشكال) تەييارلىۋالىمىز. تەييارلانغان چەلپەككە يول كىراخمال شىرنىسى سۈركەپ گۆشنى ئۈستىگە تەكشى يېيىپ (يېرىمىغا)، گۆشنىڭ ئۈستىگە يول كىراخمال شىرنىسى سۈركەپ قاتلاپ يېرىم ئاي شەكلىگە كەلتۈرۈپ، چەلپەكنىڭ ئۈستىگە يول كىراخمال شىرنىسى سۈركەپ كۈنجۈت سېپىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا 2 كىلوگرام ئەتراپىدا ماي قويۇپ، نورمال قىزىغاندا تەييارلانغان ماتېرىياللارنى چويلىغا سېلىپ بوش ئوتتا مايدىن ئۆتكۈزۈپ سۈزىۋالىمىز. تاختىغا ئېلىپ چىرايلىق توغراپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ تەييارلىساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز بىر قېتىم تەييارلاپ تېتىپ كۆرۈڭ ! ! !