سەھەردىكى باش قېيىشىنىڭ سەۋەبلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-26 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 178 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

كۆپلىگەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ، ئىش ھەرىكىتى قولاشمايدۇ، زېھىنىنى يىغالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىزدەپ تېپىپ تەدبىر كۆرۈش كېرەك.

1. يۇقىرى قان بېسىم. يۇقىرى قان بېسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، سېمىزلەردە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشىمىغانلىقتىن، قان بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ. قان بېسىمى نورمال ئادەملەرنىڭ قان بېسىمى سەل ئۆرلەپ قالسىلا بېشى قېيىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشلەر باش قېيىشنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇشى كېرەك.

2. ئۇيقۇسىزلىق. ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كۈنىگە ئاران تۆت- بەش سائەت ئۇخلىيالايدۇ، بۇ داۋاملىشىۋەرسە باش قېيشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا نېرۋا ئاجىزلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەتىگىنى باش قېيىپىلا قالماسىتىن، روھسىز، ماغدۇرسىز يۈرۈيدۇ.

3. قاندىكى ماي تەركىبى ئۆرلەپ كېتىش. بۇ سېمىز گۆش، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىقلارنى كۆپ يەيدىغانلاردا كۆرۈلىدۇ. قاننىڭ ماي تەكىبى يۇقىرى بولسا، قان تومۇرلار ئاسان قېتىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، تاجىسىمان ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ۋە باش قېيىشىتەك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

4. بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئۆسۈكچە كېسىلى. بۇيۇن ئومۇرتقا ئۆسۈكچە كېسىلى بارلاردا ئۆسكەن بۇيۇن ئومۇرتقا تۇقۇلمىلىرى ئومۇرتقا ئارتىرىيەسىنى بېسىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن باش قايىدۇ.

5. مېڭە ئارتىرىيە قېتىشىش. بۇ كېسەل ياشانغانلاردا كۆپرەك بولىدۇ. مېڭە ئارتىرىيەسىدە قېتىشىش ئەھۋالى بولسا، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن باش قايىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *