يالىڭاچ ئانا
قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى، ئىككى ئەر يەر تۈزۇلۈشى ھەم تىك ھەم خەتەرلىك بىر جىلغىغا يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى، ياشراقى ئوغلى ئىدى.
قەبرىنى قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن، قەبرە تېشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى. دادىسى ئوغلىغا «مانابۇ ئاپاڭنىڭ قەبرىسى، تەزىم قىل….» دىيىشىگە يىگىت قەبرىگە تاشلىنىپ تىزلاندى.
بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە 1952-يىلى يۈز بەرگەن ئىدى: بىرلەشمە ئارمىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە بىر تۈركۈم ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ۋېلسۇن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەسكەر ئىدى، شۇ چاغدا ئەڭ كەسكىن بىر مەيدان جەڭ نەق مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
خەلق ئەسكىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا «بىرلەشمە ئارمىيە» ئارقا- ئارقىدىن چىكىنىدۇ، ئاشۇ چىكىنىشتە ۋېلىسۇن قۇشۇندىن خېلىلا كەينىدە قالىدۇ. دەل شۇچاغدا، ئۇنىڭغا بىر بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. يىغا ئاۋازى بىر قار ئورىكىدىن كىلىۋاتاتتى، ۋېلسۇن قارلارنى ئېچىپ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھاڭ – تاڭ قالىدۇ.
بىر ئانىنىڭ قوينىدىكى بالا چىر – چىر يىغلاۋاتاتتى. ھەممىدىن بەك ھەيران قالارلىقى، ئانا قىپيالىڭاچ ئىدى. ئەسلىدە، بۇ ئانا بالىسىنى ئېلىپ ئۇرۇش ئاپىتىدىن قاچقاندا، بۇ قارلىق جىلغىدا تۇسۇلۇپ قالغان، ئانا بالىسىنى توڭلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەممە كىيىمىنى سېلىپ بالىسىنى يۆگەپ، ئاندىن باغرىغا چىڭ باسقان ئىدى. گەرچە قىپيالىڭاچ ئانا ئاللىبۇرۇن توڭلاپ ئۆلگەن بولسىمۇ، قوينىدىكى بالا ھايات ئىدى.
ۋېلسۇن خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بۇ مەنزىرىدىن چەكسىز تەسىرلەندى. ئۇ دالا ئۇرۇشى ئۈسكۈنىللىرى بىلەن ئۈچ چى مۇز تۇتقان قارنى كولاپ ئورەك ئېچىپ بۇ ئانىنى كۈمۈپ قويدى. ئاندىن قىقىراپ يىغلاۋاتقان بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ قوشۇننىڭ ئىزىنى بېسىپ يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندا، ئۇ بالىنى بېقىۋىلىپ ئامىرىكىغا قايتىپ كېتىدۇ. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋېلسۇن ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ جىلغىغا ئېلىپ كېلىدۇ، قەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ قەبرىنى بېسىۋالغان قارلارنى تازىلاشقا باشلىدى، تازىلاپ بولغاندا چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمدى، ئۇ كىيىملىرىنى بىر – بىرلەپ سېلىپ قەبرىنىىڭ ئۇستىگە ياپتى، ئاندىن قەبرىگە تاشلىنىپ ئۇزۇندىن قەلبىدە ساقلىنىپ كەلگەن شۇ گەپنى دىدى: «- ئاپا، شۇنچە يىلدىن بىرى قانچىلىك مۇزلىغانسىز —ھە!»
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلىدىن