سىزنى كېسەلدىن ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر
يېمەكلىكنىڭ ئاچلىقنى بېسىش رولى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۈتۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولى بار. ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكنىڭ كۈتۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاشتا ئوخشاش بولمىغان رولى بار. جۇڭيى تىبابىتىدە غىزانىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، تۆۋەندىكى 10 خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ سىناپ باقسىڭىز بەلكىم تېنىڭىزنىڭ ساغلام بولىشىغا پايدىسى يېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۆلدۈرگەن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر:
ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۆلدۈرگەن تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار ئەڭ كۆپ مېۋە ئىكەن.
سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر كالتسىي ئېلېمېنتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى يېمەكلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆپ مىقداردىكى ئاقسېل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار. بۇ ئېلېمېنتلار سۆڭەك بوشىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئېلېمنتلار. ئامېرىكا ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى كۆپچىلىكنىڭ كۈندە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىش بىلەن ھەر كۈنى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولغان يېمەكلىكلەر ئارىسىدا كۆكتات ئەڭ ياخشى بولغان بىر خىل تىپ بولۇپ، كۆكتاتلاردا كۆپ مىقداردا ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار قاتارلىقلار بار، شۇنداقلا تەتقىقاتلاردا بۇ خىل ماددىلارنىڭ دىئابىت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى بايقالغان.
تاتلىق ياڭيۇ
ئەگەر يېمەكلىك ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، يېمەكلىكىڭىزگە تاتلىق ياڭيۇنى قوشۇڭ. بۇ خىل تاتلىق يېمەكلىك تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رىئاكتىۋ، ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىلىرى قاتارلىق پايدىلىق ماددىلار ناھايىتى كۆپ. تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى تالا ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رىئاكتىۋنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە تەبىئىي بولغان تاتلىق تەم بولغاچقا ھېچقانداق تېتىققۇ قوشماي، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇمۇ شۇنداق يېيىشلىك، تەملىك.
پەمىدور
قىزىرىپ پىشقان پەمىدۇر تەركىبىدە لىكوپېن مول بولۇپ، مەلۇم راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رىئاكتىۋ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەمىدۇر تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن Aۋە Cبار بولۇپ، ھەر ۋاقلىق تاماقتا پەمىدۇر يەپ بېرىش ناھايىتى پايدىلىق. پەمىدۇرنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. پالەك، ئېرىمچىك ۋە پەمىدۇرنى ئارىلاشتۇرۇپ مەززىلىك بىر خىل سەي ياساپ چىققىلى بولىدۇ.
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
بۇ خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاقسىلغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك.
قەرەللىك ھالدا بىر قىسىم پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ، ياخشى بولغان ئوزۇقلۇق پىلانىنى تۈزگەندە، بەزى بىر راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكنىڭ ئىسسقلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، سەمىرىپ كەتمەيسىز، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاپ تۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رولى بار.