132خىل دورا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-19 / سەھىپە تۈرى : ساغلاملىق / كۆرۈلىشى : 122 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن رىماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، ئېغىر دەرىجىدىكى موسكۇل ئاجىزلىشىش قاتارلىق 5 خىل ئاستا خاراكتىرلىك ئالاھىدە كېسەللىككە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، دۇيىۋىي كومۇلىچى قاتارلىق مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 132 خىل دورا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 5 خىل ئاستا خاراكتىرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاشتىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ بېكىتىلدى. رىماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش كېسەللىكىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىتىشقا بولىدۇ. پاركىنسون يىغىندى كېسەللىكى، ئېغىر دەرىجىدىكى موسكۇل ئاجىزلىشىشنى 3- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىتىشقا بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغىنى ئامبۇلاتورىيىدە ئاستا خاراكتىرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بارلىق نۇقتىلىق بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىتىشقا بولىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *