ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلار گۆشنى كۆپ يېسە بوغماق ئۈچەي راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-23 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 142 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 29 – نويابىر تېلېگراممىسى. ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات مەركىزىنىڭ 28 – نويابىر ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا: گۆشنى كۈندە زىيادە كۆپ يېگەندە، ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ، دېيىلدى.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ 2006 – يىلىغىچە، شۇ چاغدىكى 45 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 80 مىڭ كىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. ئۇلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى كۈندىلىك گۆش يېيىش مىقدارىغا ئاساسەن بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، گۆش يېيىش بىلەن راك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. بۇ مەزگىلدە جەمئىي 788 كىشى بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان.

نەتىجىدە، كۈندە گۆش يېگەن، بولۇپمۇ كۈندە 80 گىرامدىن كۆپ قارا گۆش يېگەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۈندە يېگەن قارا گۆش مىقدارى 25 گىرامغا يەتمەيدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىدىن %48؛ كۈندە 100 گىرامدىن كۆپ گۆش يەيدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەرنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۈندە يېگەن گۆش مىقدارى 35 گىرامغا يەتمەيدىغان ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئەرلەرنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىدىن %44 يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقىغان.

ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات مەركىزى ئالدىنى ئېلىش – تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ساسازۇكى: بۇ تەكشۈرۈشتە گۆشنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغانلارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بىر قەدەر زور بولىدىغانلىقى بايقالدى، بۇ گۆش يېسىلا خەتەرلىك دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن گۆشنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دېدى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *