قىياپىتىم گۈزەل بولسۇن دېسىڭىز…

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-10 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 170 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قىزلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىن قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز يۈرۈش-تۇرۇشىمىزغا ئانچە ئېتىبار بەرمىگەچكە، قىياپىتىمىزنىڭ گۈزەل بولغان-بولمىغانلىقىنى ھېس قىلالمايمىز. لېكىن بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. پەقەت يۈرۈش-تۇرۇشىمىزغا دىققەت قىلىپ، ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلسەكلا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

  1. ئۆرە تۇرۇشتىكى بەش مۇھىم نۇقتا:

  1) ئۆرە تۇرغاندا، ئىككى پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى يېقىن تۇرۇشى، ئالدى تەرىپىدىن بىر مۇش پاتقۇدەك ئارىلىق قالدۇرۇلۇشى؛

  2) تىز تۈز بولۇشى؛

  3) قورساقنى ئىچىگە تارتىپ تۇرۇش؛

  4) ئىككى بىلەك تەبىئىي ھالدا تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرۇشى؛

  5) باشنى كۆتۈرۈپ، ئۇدۇلغا قاراش كېرەك.

  2. ئولتۇرۇشتىكى سىپايىلىق: ئولتۇرۇش ئۆرە تۇرۇش، مېڭىشتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئولتۇرغاندىمۇ ئوخشاشلا بەلنى تۈز تۇتۇش، باشنى كۆتۈرۈش لازىم. روھلۇق ئولتۇرغاندىن باشقا ئەركىن-ئازادە بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئولتۇرغان ۋاقىتتا بەدىنىڭىز ئورۇندۇقتا بولغاچقا، قىياپەتنى ئاسان توغرىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. بەزى قىزلار ئورۇندۇقنىڭ ئېگىز-پەسلىكىگە سەل قارايدۇ. ئورۇندۇقتا خۇددى يۇمشاق لاتا قونچاققا ئوخشاش ھەددىدىن زىيادە ئەركىن ئولتۇرۇۋالىدۇ. ئولتۇرغاندا دۈمبە ۋە بەل قىياپىتىنى توغرىلاپ ئولتۇرۇپلا قالماستىن، ئىككى پۇتىمۇ جۈپلىنىشى كېرەك. مانا بۇ بىر قىزنىڭ ئەدەپلىك، سىپايە قىياپىتىدۇر.

  3. تېز ۋە يېنىك قەدەم ئېلىش: مېڭىش قىياپىتىمۇ ئولتۇرۇشقا ئوخشاشلا مۇھىم. توغرا بولمىغان مېڭىش قىياپىتى سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئوبرازىڭىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ماڭغاندا بەدەننى تۈز تۇتۇپ،باشنى كۆتۈرۈپ، يېنىك قەدەم تاشلاپ تېز ۋە رىتىملىق مېڭىش، بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمى كۆپ ھەرىكەتلەنمەسلىك، ھەرىكەت بەلگە مەركەزلىشىش كېرەك. شۇڭا، بۇ خىل ئۆلچەملىك مېڭىش ئۇسۇلى بەلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مېڭىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېنىك ۋە تېز مېڭىش كىشىلەرگە ھاياتىي كۈچكە تولغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ ھەمدە سىزگە ئازادىلىك بەخش ئېتىدۇ. ئۇدۇل قاراپ ماڭمىغاندا بەدەن تەبىئىيلا ئالدىغا ئېگىلىپ قالىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *