زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-16 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 143 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تارىختا، بارچە سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلابلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى، بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. ئەگەر، كىشىلەر زورلۇق كۈچى ئىشلتىشنى بۇرۇنلا ئۆگىنىپ قالمىغان بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن بولاتتى.
سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلار، باشقىلارنى مەجبۇرلاش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس. بۇنداق ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھاماقەتلىك ياكى تەكەببۇرلۇق−بىراق، ھەر ئىككىلىسىدە ئادەمنى ئىززەتلەش-قەدىرلەش مەۋجۇت ئەمەس.
−بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بەزى ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى ئېنىق بىر ئىسپات بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاساسىغا خرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئادەمنىڭ مەقسىتى خۇدا ۋە بارچە ئادەملەرگە تەقدىم ئېتىشكە تەييار تۇرۇش، ھەرگىزمۇ مەلۇم ئادەملەرگە تەقدىم ئېتىش ئەمەس ياكى باشقىلارغا يامانلىق ئىستەش ئەمەس.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *