نامازنىڭ ۋاقتى
1-نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە، مۇسۇلمان ئۆزپەرۋەردىگارى ئۈچۈن ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2-ناماز ئوقۇغۇچى قىبلىگە يۈزلىنىدۇ، قىبلە كەبىدىن ئىبارەت بولۇپ، ناماز ئوقۇغۇچى قەيەردە بولسا پۈتۈن بەدىنى بىلەن كەبىنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىدۇ.
3-پەرھىز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن ئادا قىلماقچى بولغان نامازنى قەلبىدە مەقسەت قىلىدۇ.
4-ناماز ئوقۇغۇچى ئىمام بولسۇن ياكى ئىمامغا ئەگەشكۈچى بولسۇن ئالدىغا سىتىر قىلىپ بىر نەرسە قويىدۇ.
5- ئۆزىنىڭ سەجدە قىلىدىغان ئورنىغا قاراپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازنى باشلاش تەكبىرىنى ئېيتىدۇ.
6-تەكبىر ئېيتقان ۋاقتىدا ئىككى قولىنى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە ياكى قۇلىقىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرىدۇ.
7-ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئوڭ قولىنى چەپ قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
8-نامازنى باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ. ئۇ دۇئا:
تەرجىمىسى:ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلاردىن خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىسىنى يىراق قىلغاندەك يىراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! خۇددى ئاق كىيىمنى كىردىن پاكىزلىغاندەك مېنى خاتالىقلىرىمدىن پاكلىغىن. ئى ئاللاھ!مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۇز بىلەن تازىلاپ يوق قىلغىن.
10-ئەگەر خالىسا ئۇ دۇئانىڭ ئورنىغا بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ:
11-تەرجىمىسى:«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى جىمى نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. پۈتۈن ھەمدە سانا ساڭا خاستۇر. نامىڭ ئۇلۇغ، شەنىڭ ئۈستۈندۇر ۋە سېنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».
12-ئەگەر بۇ ئىككىسىدىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان باشلاش دۇئالىرىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بىر قېتىم ئۇنى، يەنە بىر قېتىم بۇنى ئوقۇش ياخشىدۇر. چۈنكى بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتە ئەڭ مۇكەممەل يۇلدۇر.
13-ئاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:
14-«ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن».
15-پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ.
16-ئاشكارا نامازدا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈنلۈك ئامىن دەيدۇ.
17-ئاندىن قۇرئان كىرىمدىن ئاسان بولغان سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ.
18-ئاندىن تەكبىر ئېيتقان، ئىككى قولىنى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە ياكى قۇلىقىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرگەن ھالەتتە رۇكۇ قىلىدۇ.
19-رۇكۇدا بىشىنى دۈمبىسىنىڭ باراۋېرىدە قىلىپ، ئىككى ئالقىنىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ تەمكىنلىك بىلەن:« ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن»دەيدۇ.
20-بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم تەكرار دېيىش ياخشى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق دېسىمۇ بولىدۇ. بۇ دۇئا بىلەن:
21-«ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن»دېگەن دۇئانى بىرگە ئوقۇش ياخشى.
22- ئىمام بولسۇن ياكى ئىمامغا ئەگەشكۈچى بولسۇن، ئىككى قولىنى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە ياكى قۇلىقىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرگەن ھالەتتە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:«ئاللاھ ھەمدە ئېيتقان كىشىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلايدۇ»دەيدۇ.
23-رۇكۇدىن بىشىنى كۆتۈرۈپ قىيامدا تۇرغان ھالەتتە مۇنداق دەيدۇ:
24-ئى رەببىمىز، ناھايىتى كۆپ، پاك ۋە بەرىكەتلىك ھەمدە سانا ساڭا خاستۇر. ئاسمانلار تولغۇدەك، زېمىن تولغۇدەك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسى تولغۇدەك ۋە بۇندىن باشقا سەن خالىغان نەرسە تولغۇدەك ھەمدە سانا ساڭا خاستۇر.
25-ئەگەر ئىمامغا ئەگەشكۈچى بولسا، رۇكۇدىن بىشىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا:« ئى رەببىمىز، ناھايىتى كۆپ، پاك ۋە بەرىكەتلىك ھەمدە سانا ساڭا خاستۇر. دېگەن دۇئانى ئاخىرغىچە ئوقۇيدۇ.
26-ئىمام ۋە ئىمامغا ئەگەشكۈچى ھەر ئىككەيلەن رۇكۇدىن ئىلگىرى قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويىدۇ.
27-ئاندىن تەكبىر ئېيتقان، ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن ئىلگىرى يەرگە قويۇپ سەجدە قىلىدۇ ئەگەر شۇنداق قىلىش ئاسان بولسا. ئەمما قېيىن بولۇپ قالسا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىدىن ئىلگىرى يەرگە قويۇپ سەجدە قىلسىمۇ بولىدۇ.
28-قولىنىڭ ۋە پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ، قول بارماقلىرىنى يېقىن قىلىدۇ.
29-يەتتە ئەزاسىنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىدۇ:
30-بۇرنى بىلەن پېشانىسى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە بارماقلىرىنىڭ ئىچى.
31-سەجدە قىلغاندا:«يۈكسەك رەببىمنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن»دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم ياكى كۆپرەك تەكرارلايدۇ.
32-بۇ دۇئانى ئوقۇش بىلەن:« ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن»دېگەن دۇئانى بىرگە ئوقۇش ياخشى.
33-سەجدە قىلغان كۆپ دۇئا قىلىدۇ ۋە پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايدۇ.
34-ئىككى قولىنى ئىككى بېقىنىدىن يىراق تۇتىدۇ.
35-قورسىقىنى ئىككى يوتىسىدىن يىراق تۇتىدۇ.
36-يوتىسىنى ئىككى پاچىقىدىن يىراق تۇتىدۇ.
37-ئىككى جەينىكىنى يەرگە چاپلىماي ئۈستۈن قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«سەجدىنى راۋۇرۇس قىلىڭلار، سىلەرنىڭ بېرىڭلار ئىتقا ئوخشاش ئېككى جەينىكىنى يەرگە چاپلىۋالمىسۇن» دېگەن.
38-ئاندىن تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە سەجدىدىن بىشىنى كۆتۈرىدۇ، سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەيدۇ.
39-ئىككى قولىنى ئىككى يوتىسى ۋە تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:
40-«ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن، كەڭ رىزىق ئاتا قىلغىن، ساقلىق-سالامەتلىك ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن».
41-ئىككى سەجدە ئارىسىدا ھەر بىر سۆڭەك ئوز ئورنىغا تولۇق چۈشۈپ بولغىنىدىن خاتىرجەم بولغۇچىلىك ئولتۇرىدۇ ۋە بىرىنچى سەجدىدە نېمە قىلغان بولسا بۇنىڭدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ».
43-تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە سەجدىدىن بىشىنى كۆتۈرىدۇ ، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندەك يەڭگىل ئولتۇرىدۇ. بۇ ئولتۇرۇش:راھەتلىنىپ ئولتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
44-بۇنداق ئولتۇرۇش مۇستەھەپ بولۇپ، ئەگەر ئولتۇرمىسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، بۇنداق ئولتۇرۇشتا ئايرىم ئوقۇلىدىغان زىكىر، دۇئا بولمايدۇ.
45-ئاندىن مۇمكىن بولسا ئىككى تىزىغا تايىنىپ قېيىن بولسا يەرگە تايىنىپ ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرىدۇ.
46-ئاندىن پاتىھە سۈرىسىنى ۋە قۇرئان كىرىمدىن ئاسان بولغان يەنە بىر سۈرىنى ئوقۇيدۇ ئاندىن بىرىنچى رەكئەتتە قىلغانغا ئوخشاش قىلىدۇ.
47-ئاندىن ئوقۇلىدىغان ناماز بامدات، جۈمە ۋە ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكەتلىك ناماز بولسا.
48-ئىككىنچى سەجدىدىن بىشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئولتۇرىدۇ.
49-ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ.
50-ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن باشقا ھەممە بارماقلىرىنى يۇمۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
51-سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ۋە سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
52-ئاندىن مۇشۇ ئولتۇرۇشتا تەشەھۇد(ئەتتەھەيياتۇ)ئوقۇيدۇ،تەشەھۇد:
53-«بارلىق مەدھىيىلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر ،ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەرگە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاپىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى بىر مەبۇدنىڭ يوقلۇقىغا،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن». ئاندىن :«ئى ئاللاھ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. ئى ئاللاھ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن».
54-ۋە تۆت نەرسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
55-«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ دوزاخ ئازابىدىن، قەبرە ئازابىدىن، ھايات-ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن».
56-ئاندىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ خالىغان دۇئالارنى قىلىدۇ. ئاندىن پەرھىز ناماز بولسۇن ياكى نەپلە ناماز بولسۇن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلسا بولىدۇ.
57-ئاندىن ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپكە سالام بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
58-سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
59-ئەمما شامغا ئوخشاش ئۈچ رەكەتلىك ياكى، خۇپتەن، پېشىن ۋە ئەسىرگە ئوخشاش تۆت رەكەتلىك ناماز بولسا.
60-بىز ھازىر بايان قىلىپ ئۆتكەن تەشەھۇد ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئوقۇغان دۇرۇتنى ئوقۇيدۇ.
61-بىرىنچى تەشەھۇدتىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇش تەرك قىلىنغان بولسا ھېچ گەپ يوق، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىرىنچى تەشەھۇدتا ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپ بولىدۇ.
62-ئاندىن ئىككى تىزىغا تايىنىپ، ئىككى قولىنى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرگەن ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ«ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ.
63-يۇقىردا بايان قىلغاندەك ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويىدۇ ۋە پەقەت پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ.
64-بەزى ۋاقىتتا پېشىننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلىرىدە پاتىھە سۈرىسىگە سۈرە قېتىپ ئوقۇسا ھېچ گەپ يوق.
65-ئاندىن شام نامىزىدا ئۈچىنچى رەكئەتتىن كېيىن، پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامىزىدا تۆتىنچى رەكئەتتىن كېيىن يۇقىردا ئىككى رەكئەتلىك نامازدا بايان قىلغاندەك تەشەھۇد ئوقۇيدۇ.
66-ئاندىن ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپكە سالام بېرىدۇ ۋە ئۈچ قېتىم«ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن»دەيدۇ .
67-ۋە«ئى ئاللاھ، سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق پەقەت سېنىڭدىن،ئى ئۇلۇغ ۋە پەزلى-كەرەم ئىگىسى ئاللاھ، سېنىڭ بەرىكىتىڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر،ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدە-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر. ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىنى تۇتۇۋالغۇچى، سەن توسۇۋالغاننى بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ دەرگاھىڭدا ئابرويلۇقلارنىڭ ئابرۇيى ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇ نېمەت، پەزلى-كەرەم ئىگىسىدۇر، ئۈ شۈكىرگە ۋە ئەڭ ئېسىل ھەمدە-سانالارغا لايىقتۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئىبادەتنى ئاللاھقا خاس قىلىپ، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلىمىز».
33قېتىم ئاللاھ پاكتۇر، 33 قېتىم بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، 33 قېتىم ئاللاھ بۈيۈكتۇر دەيدۇ. بۇنىڭ تامامىغا« ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر،ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدە-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»دەپ يۈزنى تولۇقلايدۇ ۋە ئايەتەل كۇرسى، ئىخلاس ۋە سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناسنى ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇيدۇ، بامدات ۋە شام نامىزىدىن كېيىن ئۈچ قېتىمدىن تەكرار ئوقۇش ياخشى. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھى ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. يۇقىردا بايان قىلىنغان زىكىر-دۇئالار پەرھىز ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر. تەرجىمىدە: سەيپىدىن.