سەمىمىي نەسىھەت
سەمىمىي نەسىھەت
1.رىزىقىڭىزنى تاپالماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ،سىزگە تېگىشلىك بولغان رىزىق،ئوۋچىنىڭ ئوقياسىدىن ئوۋغا ئېتىلغان ئوق ئۇدۇل بېرىپ ئوۋغا تەگكەندەك،ئۇدۇل بېرىپ سىزنى تاپىدۇ…
2.ئۆزىڭىزگە قوقاق سېلىپ،ئۆلۈمدىن بەك قورقۇپ كەتمەڭ،بولمىسا روھىڭىز جەسىتىڭىزدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدۇ،روھى ئۆلگەن ئادەمنىڭ قەبرىدىكى ئۆلۈكتىن ھېچ پەرقى يوقتۇر.
3.ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ،ئەمەلىيەتچان بولۇڭ،ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەس بولۇۋالماڭ،كاززاپلىق قىلماڭ،ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىزغۇ؟كاززاپلىق سىزگە پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەسقاتىدۇ،قانداق ئەسقاتىدۇ؟ئاخىرەتتە سىزنىڭ زىيىنىڭىز ئۈچۈن ئەسقاتىدۇ…
4.پەرۋاسىز بولۇۋالماڭ،ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز بولۇپ تەڭ كېلىشەلىسىڭىزمۇ،ئاخىرەتتە دەۋزەخ ئازابىغا پەرۋاسىزلىق قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس،سىزنىڭ راستىنلا پەرۋاسىز ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى سىناشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى،مۇشۇ يازغانلىرىمغا پەرۋا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىڭىزدا…