ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 196 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان
ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال . بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،ئۇششاق –چۈششەك ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ.
    ئاق كۆڭۈل ئايال . بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ،سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ. ئۇ، سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، يەنەئاتا-ئانا ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزغا، قوشنا –قۇلۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئايالىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
     تەبىئىي گۈزەل ئايال . بۇنداق ئاياللار گۈلدەك ياسىنىپ ،كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ،كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ .قۇرۇق ئابرۇي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ. بىراق، ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ. چاكىنا ئەمەس، ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز –خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.
    ئەقىل –پاراسەتلىك ، نازاكەتلىك ئايال . ئۇ، ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ،تۇرمۇشتا ئېگىز- پەسنى ، ئاچچىق –چۈچۈكنى ، بار –يوقنى ، ئائىلە شارائىتىنى ، ئىمكانىيەتلەرنى پەملەيدۇ. ئەقىل-ھۇشى بىلەن ئىش تۇتۇپ ،كەم-كۈتە تەرەپلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ، يەنە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنىڭ ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
    ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال . بۇنداق ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ .سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك، پارەسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈپ ، ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە تۈرتكەبولىدۇ.
   قەدىر–قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال . بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.       
    ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال . بۇنداق ئايال سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
   سۆزگە ئىتىبار بېرىدىغان ئايال . ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئلاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايدۇ. سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *