ئەمدى ئۇزىڭىزدىن يىراق قىلىدىغان بەزى ئىشلار

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 158 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەمدى ئۇزىڭىزدىن يىراق قىلىدىغان بەزى ئىشلار

1.سىز ئالدى بىلەن دىندار بولمىغان ھەرقانداق دوستىڭىز بىلەن ئارلاشماڭ. قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار دىگەندەك يامان بىلەن ئارلاشسىڭىز ئۇنىڭ بەزى ناچار قىللىقلىرى سىزگە يۇقۇپ قالىدۇ.

2. تېلپۇنىڭىزدا بار بولغان ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئۈچۈرۈڭ. قېنى سىز ئاللاھ ئۈچۈن ناخشا مۇزىكىلىرىڭىزدىن كىچەلەمدىكەنسىز.ئەگەر كىچەلمىسىڭىز ئىمانىڭىز بەك بەك ئاجىز بولغان بۇلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ ئۈچۈن تاتلىق جېنىدىن،سۈيۈملۈك ئايالىدىن،مال دۇنيالىرىدىن كىچەلىگەن. سىزبىر ناخشىدىنمۇ كىچەلمىسىڭىز تۇلىمۇ بىچارە ئادەم بۇپ قالىسىز.ناخشا مۇزىكا قەلبنى ئۆلتۇرىدۇ.شەيتانى ھۈجەيرىلەرنى تىرىلدۇرىدۇ.ناخشا ئاڭلىغان قۇلاققا قىيامەت كۇنى قوغۇشۇن ئىرتىپ قۇيىلىدۇ. (مەزمۇنى ساغلام بولغان ناخشا بۇنىڭ سىرتىدا.ئەمما ناخشا ئاڭلاپ پايدىغا ئىرىشكەن،ناخشا ئاڭلاپ شەھەر ئالغان بىرەرمۇ كىشى يوق. ياخشىسى ناخشا ئاڭلىماڭ)

3. ئەگەر سىزدە بىرەر كەيپ بولسا تاماكا،ھاراق..، دىگەندەك شۇ نەرسىلەرنى تاشلاشقا ئۇرنۇڭ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماكا چىكىپ ھاراق ئىچىپ ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ تۇرۇقلۇغمۇ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئوقۇغان نامىزىڭىز سىزنى يامان ئىشلاردىن تۇسالمىسا سىزنىڭ نامىزىڭىز مەقبۇل ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا ناماز يامان ئىشلاردىن توسقۇچىدۇر دىگەن.

4. ئاخشىمى بالدۇر يېتىڭ شۇندىلا سەھەر تۇرالايسىز.ئاخشىمى كىچە تەڭگىچە كومپىيوتېر ئالدىدا ياكى تېلۋۇزۇر بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ كىچىسى ئويقۇ تۇگىمەي كۈن چىققۇچە ياتسىڭىز سىز شەيتاننىڭ بىرىنچى قول لەشكىرى بۇپ قالىسىز. بىز يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك سەھەر تۇرمايدىغان ئادەمنى شەيتان چاگىلىغا ئېلۋالىدۇ.

5. سىز ئەتتىگەندە بامداتتىن كىيىنكى ئۇيقۇڭىزنى تاشلاڭ. ئۇخلاش ئورنىغا بىرەر ماترىيال كۈرۈڭ. ياكى ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئىزلىرىدىن كىچىككىنە بولسىمۇ قىلىشىپ بىرىڭ. بامداتتىن كىىيىن ئۇخلىغان ئادەمنى پېقىرچىلىق قورشىۋالىدۇ(بۇسۆزنىڭ رەسۇلۇللەنىڭ ياكى باشقا ئالىملارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم)

6. يەۋەتقان تامىقىڭزغا بەك دىققەت قىلىڭ. شەكلىك نەرسىلەرنى يىمەڭ. ھازىر كۆپۇنچە ئاشخانلاردا مۇسۇلمانلار ئىشلەتسە بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ تاماق قىلىۋاتىدۇ. بۇنى سۈرۈشتۇرمەي يەۋەرسە ئادەمنىڭ ئەقلى بۇلغۇنۇپ كىتىدۇ. دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ. ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەيدىغان كىشى جەزمەن يىمەكلىكىگە بەك دىققەت قىلىش كىرەك. ھاراملىقى ئىنىق مەلۇم بولغان نەرسىلەر بار. مەسلەن ۋېيجىڭ ۋە زاۋۇتتا ئىشلەنگەن بەزى تېتىتقۇلار…. بۇلارغا يېقىن يۇلىماسلىق كىرەك. يىمەك ئىچمىكىڭىزگە ھارام ئارلىشىدىكەن قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

ئاللاھ ھەممىمزگە تەقۋالىق لىباسىنى تەقدىم ئەتسۇن. ھەممىمىزنى شەيتاننىڭ لەشكەرلىرى قاتارىدىن بۇپ قېلىشىمىزدىن ساقلىسۇن.ئامىن

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *