زامانىۋى ئېلان

يوللانغان ۋاقتى : 2014-01-18 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 590 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140118-110953.jpg

زامانىۋى ئېلان……!
ئېرى ئۆيگەكەلسە، ئايالى كىر يۇيۇۋاتقان، كىر كىيىملەر شۇنچىلىك پاكىز چىققان. ئېرى قارىسا، ئايالىنىڭ قولىدا majnuntl ماركىلىق سوپۇن پاراشوكى تۇرغان.
ئەر: -ۋوي، بۇ پاراشوك ھەجەپ پاكىز يۇيىدىكەن ھە كىرلارنى ؟
بىشەم ئايال: -ھە! يەنە مەن قۇل ئايالىڭ بار ئەمەسمۇ، سەن كالۋا ئەزەلدىن ماڭا ياردەم قىلمايسەن، ئىشەكتەك ئېغىناپ ياتىسەن، ۋۇ توڭگۇز، سەن لامزەللىگە قۇل بولۇپ ئۆتەمدىم، ئاپپاڭ……دادداڭ……ئۆلگۈر تاز ……تاقىر ئىشەك… ئۇندىغەي… بۇندىغەي…
ئايال ئاغزىنى بارغانسىرى بۇزۇپ تىللاپ كېتىدۇ…ئەر يەردە تۇرغان پاراشوكنى ئېلىپ، بىرسىقىم تۆكۈپ ئايالنىڭ ئاغزىغا تىقىپلاۋىتىدۇ..……
ئايال قاتتىق قېقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەرگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا : music …-ۋاي تاتلىق ئېرىم، سۆيۈملۈكۈم، كەلدىڭىزمۇ، ۋاي بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇڭ، ھازىرلا تاماققا تۇتۇش قىلىمەن، سىزدەك تاتلىق ئېرىمگە تاماق ئەتمەي كىمگە ئىتىمەن، ۋاي سىزگە تىگىپ شۇنداق بەختلىك بولدۇممەن. ۋاي جىنىم ئېرىم، ۋاي بودەك ئېرىم، ۋاي ناۋات ئېرىم، ئايال شۇنداق شېرىن سۆزلەر بىلەن ۋاتىلداپلا كېتىدۇ.
ئەر ئىكرانغا قاراپ:ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن دوستلار، majnuntal ماركىلىق سوپۇن پاراشوكى، كىرلارنى پاكىز چىقىرىپلا قالماي، بېزەپ، ئاچچىق ، سەت گەپ سۆزلەرنى، شېرىن شىكەر سۆزلەرگە ئايلاندۇرالايدۇ! بىزەپ ئېغىزنى پاك پاكىز يۇيۇپ، شېرىن تىللىق قىلىدۇ.دۆلەت تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن ھەقىقى يېشىل سوپۇن پاراشۇكى…
سېتىۋالغاندا ماركىسىغا دېققەت قىلىڭ!
m…a….j….n….u….n….t….a……l

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *