«م»ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-06-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 162 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

مىراخور مايمۇننىڭ مۇئەللەقتە موتوسىكلىت مىنىشى

(«م»ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى)

ماينىڭ مەۋسۇملىرىدە مىراخور مايمۇن موللاقچى ماركىلىق موتوسىكلىتىنى مىنىپ
مۇئەللەققە ماكانلاشكان مايمۇنلارنىڭ<<موتوسىكلىت مىنىش مۇسابىقىسى>>گە مېڭىپتۇ.
مايمۇن مېڭىۋېتىپ مۇئەللەقتىكى مەشرەپنىڭ مىرشاپى مۇھەممەتجان،ماھىرەلەرنى موتوسىكلىتقا مىنگۈزۋاپتۇ.مۇھەممەتجان،ماھىرەلەر مايمۇننىڭ ماۋۇ موتسىكىلىتىنى ماختاپ مۇبارەكلەپتۇ.

ماقالىلەردىكى ماختىغان ماركىدا مەلۇملانغىنىدەك،مايمۇننىڭ ماۋۇ موللاقچى ماركىلىق موتوسىكلىتى مالىمانلار مەھەللىسىدىكى مەستلەر مالىمان چىقارغاندا،مۈشۈكلەرمىياڭلىغاندا،موزايلار مۆرىگەندە مىشىلداپ ماڭماي تۇرۋاپتۇ.مايمۇن موتسىكىلىتنى مۇشتلاپ مۈشكۈلدە ماڭغۇزۇپتۇ،مۇھەممەتجان،ماھىرەلەر مۇشۇنداق مىشچان مايمۇننىڭ ماۋۇ مىشچان موتسىكىلىتىنى ماختىغىنىغا،مۇبارەكلىگىنىگە مۇشۇ موتسىكىلىتگە مىنگىنىگە مەيۈسلىنىپتۇ.

مايمۇن مۇتسىكىلىتنى «مىننەتسىز مېھنەتكارلىرىمىزنى مەڭگۈ ماختايمىز»مەزمونىدىكى مۇنازىرە مۇسابىقىسنىڭ مەركىزىدىن مىنىپتىكەن،موتسىكىلىت ماڭماپتۇ.مايمۇن موتسىكىلىتىنى مۇشتلاپتۇ،مىدىرلىتالماپتۇ.مانا مۇشۇنداق مۇۋاپىقىيەتلىك،مىسلىسىز مۇراسىمنى مايمۇننىڭ موتسىكىلىتى مالمانلاشتۇرۋېتىپتۇ.
مايمۇننىڭ موتسىكىلىتىنى مىنىو مۇراسىمنى مالمانلاشتۇرغانلىقىدىن مەيۈسلەنگەن مۇھەممەتجان موتسىكىلىتنى مۈشكۈلدە مىنىپ مايمۇن،ماھىرەلەرنى مىنگۈزۈپ مۇئەللەققە مېڭىپتۇ.
-مانا موتسىكىلىت مىنىش ماھىرى مۇشۇكەندە.
مۇراسىمدىكى مېھمانلار مۇھەممەتجاننى مانا مۇشۇنداق ماختاپتۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *