ئىيۇن 10 2012
ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق
ئەڭ يۈكسەك ئەمگەك، دېھقاننىڭ ئەمگىكى، ئۇ ئېتىز-ئېرىقتا ئىشلەيدۇ.
ئەڭ ھالال يېمەكلىك نېمە؟ ئۆز قولىڭىز بىلەن تاپقان يېمەكلىك.
−مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
بىكارچىلىقتا لاغايلاپ ئۆتكۈزگەن ھاياتقا قارىغاندا، جاپالىق ئەمگەك قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، ئەمگەك قىلغۇچى ئەستايىدىل، كونكرېت ۋە ئاكتىپ ئويلىنىدۇ؛ بىكار تەلەت بولسا، تەپەككۇرى يۈزەكى بولۇپ، گەپ-سۆزىمۇ جايىدا بولمايدۇ.
بەزىلەر، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، بالىغا قاراش تامامەن ئاياللار قىلىدىغان ئىش، دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئەرنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشى نومۇسلۇق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئۇنداق ئادەمنى ئەر قاتارىدىمۇ سانىمايدۇ. بىراق، ھەقىقىي نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئاجىز، ئىككى قات ئايالى جان تىكىپ جاپالىق ئىشلەۋاتسا، ئەر بولغۇچىنىڭ بىكار ئولتۇرۇشى ياكى ئارام ئېلىشىدۇر.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى