مۇھەببەتكە تولسۇن بۇ ئالەم
بىر ئايال ئېرى بىلەن خاپىلىشىپ قېلىپ مەھەللىدىكى كىچىك باغچىنىڭ ئورۇندۇقىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى، شۇ يەردە تازلىق قەغىزى سېتىۋاتقان ئۇماق قىز بۇ ئايالغا سەبىيلەرچە تاتلىق كۈلۈمسىرەپ بىر بولاق ئەتىر قەغەزنى چىقىرىپ سۇندى، ئۇ ئايال قىزغا قەغەزنىڭ پۇلىنى بىرەي دەپ سومكىسىدىن پۇلنى چىقارغىچە ئۇ قىز ئاللىبۇرۇن توشقاندەك سەكرەپ – سەكرەپ كېتىپ قالغان ئىدى، بۇ قىزنىڭ شۇنداق تاتلىق سەبىيلەرچە كۈلۈمسىرىشىدىن زوقلۇنۇپ كۈلۈمسىرىدى -دە ، ئېرىنىڭ تىلفۇنىغا كەچۈرۈم سوراپ ئۇچۇر يوللىدى. يولدىشى بۇ چاغدا خاپىلىقتا چوڭ يولدا ئۇياق- بۇياق ئايلىنىپ يۈرەتتى، ئۇچۇرنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن، گۈلچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر دەستە گۈل ئېلىپ ،گۈلچىگە يۈز سوم پولنى ھەدىيە قىلىۋەتتى، گۈلچى بۇ يىگىتنىڭ مەردتلىگىدىن خوشاللىنىپ باللىرىغا ئۇنى- بۇنى سېتىۋېلىپ ئويگە قايتىش يولىدا ، بىر ياشانغان ئايالنىڭ ئەرزان باھالىق ئۇيۇنچۇقلارنى سېتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئىككى يۈۋەنلىق ئۇيۇنچۇقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئون يۈۋەنلىكتىن بىرنى بېرىپ ئارتۇقىنى ئالماي كېتىپ قالدى. ئۇزۇندىن بېرى گۆش ئېلىپ يىيەلمەي كەلگەن موماې كۈلۈمسىرىگىنچە مەھەللىدىكى قاسساپتىن گۆش سېتىۋېلىپ مىزلىك لەغمەن تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدى، تاماق تەييار بولىشىغا تازلىق قەغىزى ساتقۇچى قىز ئۆيگە قايتىپ كېلىپ مومىسى بىلەن بىر-بىرىگە كۈلۈمسىرىشىپ مىزلىك لەغمەننى ھوزۇربىلەن يىيىشتى….. مېھىر-مۇھەببەتكە تولسۇن بۇ ئالەم