قىز كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-06 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 202 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قىز كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار:
يىگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن!
قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟
يىگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە!

 

يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز:ياق،نېمىشقا؟!
يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ…

 

يىگىت:خانقىز خاپا بولماي 5يۇەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟
قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئېدىڭىز؟
يىگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى دەي دېگەن!
قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ…

 

قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟
يىگىت:كەچۇرۈڭ!…مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مېجەزىم…
قىز:…

 

يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئېدى؟
يىگىت: بۇگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويارلارسىزمۇ؟!…

 

يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز:نېمىشقا؟
يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز…

 

يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:قەلبىڭىزگە

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *