ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-10-23 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 150 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇشقا ئۈندەش ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ـ بىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە شەخىسلەر، جامائەتلەر، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق ئېسىل غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇغايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، ئىسلام دىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ مىللىتى، ئىرقى، رەڭگى ۋە تىلى بىلەن ھېسابلاشماستىن، بىر ئۇممەت دەپ سانىدى. ئەرەب بىلەن ئەجەمنىڭ، قارا تەنلىك بىلەن ئاق تەنلىكنىڭ، شەرقلىك بىلەن غەربلىكنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇشىغا يول قويدى. ئىسلام دىنى بۇ ئىلغارلىقى بىلەن ئىنسان جىنسىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا دۇنيادىكى پۈتۈن دېمۇكراتىك قانۇنلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. غەرب دۇنياسىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپلىرى ۋە مۇتەپەككۇر ئالىملىرىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ئىلغارلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا، ھەتتا ئۇلاردىن (بىرنادشۇ) مۇنداق دەيدۇ: ”ئىسلام دىنى زوراۋانلىق دىنى ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك دىنىدۇر. ئۇ، ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى بىر مىڭ تۆت يۈز يىلدىن بىرى قارار قىلىپ كەلمەكتە. بۇ، بۇرۇنقى رۇملۇقلاردا ياكى ياۋرۇپالىقلاردا ۋە ھازىرقى ئامېرىكىلىقلاردىمۇ بولمىغان بىرئىلغار پرىنسىپتۇر. ئەگەر سىز بىرەر ئەرەبتىن ياكى ھىندىستانلىقتىن ياكى پارستىن سەن كىم? دەپ سورسىڭىز، ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن ”مەن مۇسۇلمانمەن“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما غەربلىكتىن سەن كىم ؟ دەپ سورسىڭىز، ئۇ ”مەن ئېنگلىز“ ياكى ”ئىتالىيىلىك“ ياكى ”فرانسىيىلىك “ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى بىلەن ھېسابلاشماستىن، مىللەت ئايرىمچىلىقىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويسا، ھەقىقىي مۇسۇلمانلار كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ مىللىتى، رەڭگى ۋە ئىرقى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبتىن يەكلىمەيدۇ، ئۇلار ھەرنەرسىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئەڭ ئاۋۋال دىنىي قېرىنداشلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مانا بۇ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ مىللىتىنىڭ، رەڭگىنىڭ ۋە يۇرتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئايرىماي، ھەممىنى بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۆرىنەرلىك دەلىلىدۇر.
ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىكى ئۆلگىلىك ئىسلام دۆلىتى ئۇسامە ئىبنى زەيددىن ئىبارەت قارا تەنلىك ياشنى ئاق تەنلىك ئەرەب ئەسكەرلىرىگە قۇماندان قىلىپ بەلگىلىگەن. دېمەك، ھەقىقىي دېمۇكراتىك ھۆكۈمەت پەقەت ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇتتۇر. ھازىر دېمۇكراتىيە دەۋاسىنى ئەڭ كۆپ ياڭرىتىپ كېلىۋاتقان غەرب دۇنياسىدا ھەقىقىي دېمۇكراتىيە بارمۇ ؟ ئۇلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆيلىنىشىنى، ئاق تەنلىكلەر كىرگەن ئاشخانىلارغا قارا تەنلىكلەرنىڭ كىرىشىنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەبلەردە قارا تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۆزلىرىدىن ئېشىپ كەتكۈچىلەردىن ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇل بىلەن ئۆچ ئالىدۇ. ئىسلام دېمۇكراتىيەسىدىكى مىللەت ئايرىماسلىق پرىنسىپى ئالدىدا غەربلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار قايسى يۈزى بىلەن ئۆزلىرىنى دېمۇكراتچى دەپ ئېيتالىسۇن!؟ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىنىي قېرىنداشلىقنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى ئۆز تۇغقانلىرىدىن بولمىغان ياتلاردىن ئۆيلىنىشكە چاقىردى. چۈنكى ئۇرۇق ـ تۇغقانلار بىر ـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىش ۋاسىتىسى بىلەن بىرلەشمىسىمۇ، ئۇلار ئۇرۇق ـ تۇغقانلىق ۋاسىتىسى بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە بىر ـ بىرىگە ياخشىلىق قىلىشىدۇ. ياتلاردىن، تۇنۇشمايدىغان قەبىلىلەردىن ئۆيلەنگەن كىشى ئۇلار بىلەن بۇ قۇدا ـ باجىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، بىر ـ بىرى بىلەن تۇغقان بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولمىغان يات قەبىلىلەر، مىللەتلەر ۋە ئىرقلاردىن ئۆيلىنىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ، ئىسلام دۇنياسىنى بولسا كۈچلەندۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي غايسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىزگە ئەڭ ياخشى ئۆلگىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئاياللىرىنى بىر قەبىلىدىنلا ئالماستىن، بەلكى ئۇ، ئوخشاشمىغان قەبىلىلەردىن ئۆيلەنگەن، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبىلىلەر ئارىسىدىكى بىرلىكى ۋە ھەقىقىي دىنىي قېرىنداشلىقى قۇدا ـ باجىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ساھابىلار ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۆلگە قىلىپ دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى شۇنداق باغلاپ كەلدى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *