ھازىر كىمنىڭ قولىغا قارىسا iphone ، باشلىقنىڭمۇ ، كادىرنىڭمۇ ، دېھقاننىڭمۇ ، دىۋانىنىڭمۇ قۇلىدا شۇ …… پەقەتلا مېنىڭ قۇلۇمدىلا يوق …… بىر كۈنلەردە بازار چۆرگىلەپ كېتىۋاتسام شۇ تېلفۇننىڭ ئوخشىتىپ ياسالغان ئۇيۇنچۇقىنى ساتقىلى تۇرۇپتۇ ، كۆرۈپ كاللامغا بىر خىيال كىردى دە بىرنى سېتىۋالدىم …… چۆرگىلەپ باغچىغا كىرىپ ئادەم كۆپ يەردە يانچۇقىمدىن بايا سېتىۋالغان ئۇيۇنچۇق iphone نى چىقىرىپ يالغاندىن پاراڭلاشسام ، باشقىلار قۇلۇمدىكى تېلفۇنغا ھەۋەس قىلىپ قارىغىنىدا راست پەيزى بۇلىدىكەن ……ھاھا……مەن تېلفۇندا ئۇرۇشقان بۇلۇپ يالغاندىن ئاچچىقلاپ ، قۇلۇمدىكى ئويۇنچۇقنى ئالدىمدىكى كۆلچەككە كۈچەپ تاشلىۋىتىپ ئارقامغىمۇ قارىماي ئاقسا كېتىۋاتقىنىمدا ، باشقىلار ماڭا قاراپ ھەيران بۇلۇپ ، تېلفۇنغا ئىچى ئاغرىپ ئەپسۇسلىنىۋاتقاندا ،ئارىدىن چىققان بىرسىنىڭ ئېيتقان سۆزى مېنى نەق مەيداندىن يۈز مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تىكىۋىتىشىمگە سەۋەپ بۇلۇپ قالدى :
- ئاكا ھوي ! تېلفۇنىڭ سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقتى!……
********************************************
مۇئەللىم پادىشاھ بىلەن ۋەزىرنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ مەندىن سوراپ قالدى :
- مەسىلەن ، سەن ھازىر پادىشاھ ، مەن ۋەزىر بولسام ، ماڭا نىمىلەرنى ئېيتار ئىدىڭ ؟
مەن بىردەم ئويلىنىپ :
- قايسىڭ بار ؟! ئەپچىقىپ مانىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار !
مۇئەللىم :
-چىقە ! سىنىپتىن ! شاۋىچى گۇي !……
********************************************
قىزلار ! يولدىشىڭلاردىن يامانلاپ ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە ماڭغىنىڭلاردا كونا پەدىگە بوغچا ،كىيىم ، ئامانەت كارتىسىنى ئېلىپ ماڭماي مۇنۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ ، مۇنۇ ئىشلارنى قىلىپ مېڭىڭلار ……
تېلۋۇزۇرنىڭ تىزگىنىكى ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تىزگىنىكى ، يولدىشىڭلارنىڭ پىراۋىسى ، كىملىكى ، ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچى ، پورتمالى ، ئىناۋەت كارتىسىنى ئېلىپ ماڭىسىلەر …… مېڭىشتىن بۇرۇن كومپىيوتىرنىڭ مەخپى نۇمۇرى ، wifiنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىۋىتىڭلار ……
شۇنداق قىلساڭلار يولدىشىڭلار بىر كۈنگە قالماي خاتالىقىنى تۇنۇپ ئالدىڭلارغا كەلمىسە قۇلىقىمنى كېسىۋىتەرمىنا……
********************************************
ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغىنىمدا ، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي گىرىمنى قېنىق قىلىۋالغان ،تازا ئوبدانلا ياسانغان بىر ئايال چىقىپ كەلدى ، ئەمدى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسنىڭ روھى بۇيىچە ئۇ ئايالغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بەرسەم ئۇ ئايال :
- ئۇكاموي ! ئۆزلىرى ئۇرۇن بۇشىتىپ بەرگۈدەك دەرىجىدە قېرىپ كەتمىدىم جۇما ! قوڭلىرىنى بېسىپ ئولتىرىۋەسىلە جايىلىرىدا !……-دېمەسما. ئۇرۇن بوشىتىپ بىرىپ تېخى تىل ئاڭلىۋالغىنىمغا ئاچچىقىم كەپ تۇرسىمۇ ، زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ :
- كەچۈرۈڭ قىزچاق ، خاتا چۈشىنىۋالدىڭىز ، مەن پەقەت ئۆزۈمدىن كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ ئۇرۇن بەردىم خالاس……
********************************************
مۇئەللىم : سەن تۇلۇقسىز بىرىنجى ، ئىككىنجى يىللىقلاردا تاپشۇرۇقتا دائىم تۇلۇق نۇمۇر ئالاتتىڭ ، يېقىننىڭ ياقى نىمە بولدۇڭ ؟ نەتىجەڭ چۈشۈپ كەتتىغۇ ؟
ئوقۇغۇچى : مۇئەللىم ، دادام شۇ پەقەتلا تۇلۇقسىز ئىككىگىچە ئۇقۇپتىكەن ، ئۈچىنجى يىللىقنىڭكىنى ئىشلىيەلمىدى ……
2
08-2013
ئەڭ يېڭى يۇمۇرلار
- raziman
- 2013-08-2
- تەرمىلەر
- كۆرۈلۈش سانى : 41
- پىكىر يوق