40يىلدىن كىيىن ئۈندىداردىكى دوستلىرىمغا يازىدىغان خەتلىرىم
40يىلدىن كىيىن ئۈندىداردىكى دوستلىرىمغا يازىدىغان خەتلىرىم
1.باياتىن قاتناش ساقچىسىغا تۇتۇلۇپ قالدىم، ئۇ: يەنە بىنزىن كۆيدۈرىدىغان ئاپتوموبىل ھەيدەپ كوچىغا چىقساڭ، سىنى قاماپ قويىمەن، دەپ ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرى.
2. قان بىسىمىم ئۆرلەپ كىتىپ دوختۇرخانىغا كىرگەن، سېسىتىرا قىز تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ نەۋرىسىكەن ئەمەسمۇ!
3. تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، ئوغلۇم ماڭا ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئايفۇن50 نى سوۋغا قىلدى، بىز قېرىلارغا نېمە كەپتۇ ئەمدى بۇنى تۇتۇپ، نەۋرەمگە ئوغىرلىقچە بىرىۋەتتىم.
4. كونا خىزمەتدىشىم ئابدۇللانىڭ ئوغلى بېسىمغا چىدىماي 300-قەۋەتتىن سەكرەپ ئۆلۈۋاپتىمىش، ھەي، ھازىرقى ياشلار ھاياتىنى نېمانچە قەدىرلىمەيدىغاندۇ.
5. قايسىلا ئۆيگە كىرسە ئېلىكترونلۇق تاماقئەتكۈدە پىشقان غىزالار، پەقەت ئاغزىمغا تېتىمىدى، يەنىلا ئايالىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقى ياخشى ئىدى.
6. قارامايدىن ئۈرۈمچىگە كەلگۈچە نەق يېرىم سائەت كېتىپتۇ، ھازىرقى قاتناش قىستاڭچىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
7. تۇنجى قېتىم ئالغان مائاشىم 3000سوم چىقىپتىكەن، ئانامغا 400سومغا بىر يۇڭ پوپايكا ئېلىپ بەرگەنىدىم، ئۇ چاغلاردا قوي گۆشىنىڭ باھاسى 50سوم ئىدى، ھەي….، ھازىر 3000سومغا بىر تەخسە لەغمەنمۇ كەلمەيدۇ.
8. قوشنام راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىكەن، ئۈچ كۈن ئاسما ئوكۇل ئۇرۇپ، ئاران ساقىيىپتۇ.
9. ئوغلۇمنى گۆشكە بۇيرۇسام، ياخشى قارىماي كىلون قوينىڭ گۆشىنى ئەكەپتۇ، تاس قالدىم ھاسام بىلەن ئۇرۇۋەتكىلى.
10. ئاي شارى- مارىس، ئۈچ كېچە تۆت كۈندۈزلۈك ساياھەت تۈرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، مۇشۇ يېشىمغا بولسىمۇ بىر چىقىپ كۆرۈپ كەلسەم بولاتتى.
مەنزىل: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
(نەجمىدىن نەسرىدىن) كەن ئاپتۇرى