بەك ئېسىل ھەدىسلەر!
بەك ئېسىل ھەدىسلەر!..
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «ئىمان ئىككى پارچىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ, ئۇنىڭ يېرىمى سەۋر, يېرىمى شۈكۈردۇر» دېگەن. بىزنىڭ نېمىلەرگە سەۋر قىلالىدۇق? نېمەتلەرگە ئاغزىمىزدا ئەمەس, ئەمەلدە شۈكۈر قىلالىدۇقمۇ?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە. «كېيىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دېگەن بىز دائىم باشقىلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتىپ, بىرىلىرى ھەققىدە ئالدىراپلا قارار بېرىپ, ھۆكۈم چىقىرىپ كېتىمىز. بىز ھەر ئىشىمىزدا بۇ ھەدىسنى ئېسىمىزگە ئالالىدۇقمۇ?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «. ئوت ئوتۇننى قانداق كۆيدۈرۈپ يوق قىلسا, ھەسەتمۇ ياخشىلىق ۋە ساۋاپلارنى ئاشۇنداق كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدۇ» دېگەن. سىز ھېچكىمگە ھەسەت قىلمىدىم, دەيسىز بىراق, ياخشى يولدا يۈرگەن ۋە ياكى ياخشى ئىشلار ئارقىلىق ئىلگىرلىگەن قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قولىغا قول – پۇتىغا پۇت بولۇپ ياردەمدە بولۇشنىڭ, ئۇلارغا ھەر زامان ھەم پىكىر, ھەم نەپەس بولۇشنىڭ ئورنىغا پۇتىغا پالتا چاپقانلارنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىڭىز ھەسەتتىنمۇ ياكى دۈشمەنلىكتىنمۇ?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر» دېگەن. سىز باشقىلار ۋە ياكى سىز ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەملەر بار يەردە ساقلىغان ئەخلاقلىق خۇلقىڭىزنى ئۈمۈرلۈك ھالال جۈپتىڭىز بولغان ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىز بىلەن ۋە ياكى سىزگە ئامانەت قىلىپ بېرىلگەن پەرزەتلىرىڭىز ئالدىدا ۋە ياكى ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك بولغان ئاتا – ئانىلىرىڭىز, قېرىنداشلىرىڭىز ئالدىدا ساقلىيالىدىڭزمۇ?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «سۆز قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىغا ئۇيغۇن (ئەقىللىرى چۈشۈنۈپ يەتكىدەك سەۋىيەدە) سۆزلەڭ.» دېگەن. سىز بۇ ھەدىسنىڭ روھى بويىچە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قارشى تەرەپكە ئېتىۋار بەردىڭىزمۇ ياكى مېنى بىلىملىكەن دەپ قالسۇن, دەپ سۆز قىلدىڭىزمۇ ياكى سەن كىمتىڭ? دېگەن مەنسىتمەسلىك بىلەن قارشى تەرەپ ”توۋا مېنى دۆت دەپ قالدىمۇ نېمە بۇ ئادەم“ دېگۈزۋەتكىدەك سەۋىيەدە جۈملىلەرنى ئىشلەتتىڭىزمۇ?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «. باشقىلارنىڭ ئەيىپلىرى ھەققىدە توختالماقچى بولغىنىڭدا ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ ئەيىپىڭنى ئىسىڭگە ئالغىن, شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ئەيىپلىرى بىلەن ھەپىلىشىشكە ھەققىڭ يوقلىقىنى ئېسىڭگە كېلىدۇ» سىز ھەر زامان باشقىلارنى ئەيىپلەشنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارلىغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمتىڭىز? پەقەت ئەيىبى بار ئادەملەرلا ئالدىراپ باشقىلارنى ئەيىپلەيدۇ. يۇقىرىقى ھەدىس بۇنى تولىمۇ مۇكەممەل ئىپادىلەپ بەرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «مۇنافىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر. گەپ قىلغاندا يالغان گەپ قىلىدۇ. ۋەدە بەرسە ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. ئامانەت بەرسە خىيانەت قىلىدۇ دېگەن ». قاچان سىزدە بۇ 3 ئىشتىن بىرى تېپىلىپ قالسا ھېچقانداق بىر باھانىگە دۆڭگىمەيلا تەۋبە قىلىڭ. چۈنكى ئۇنى ئۆزگەرتمىسىڭىز مۇنافىقلارنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ياشاشنى داۋام قىلغان بولىسىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: دېگەن «كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى بىر گۇناھى سەۋەبى بىلەن ئەيىپلىسە ناۋادا بۇ قىلمىشىغا تەۋبە قىلمىسا ئۇ كىشى ئۇ گۇناھ ئىشنى قىلمىغىچە ئۆلمەيدۇ.». بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندا سىز يەنە بىرىلىرىنى ”ئۇنداقچى, مۇنداقچى, ھورۇن, ئۇيقۇچى, نامازغا بوشاڭ, دىنى مۇستەھكەم ئەمەس … دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشنى داۋام قىلارسىزمۇ?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «ھايا قىلىش گۈزەلدۇر. بىراق ھايا قىلىش ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەلدۇر. »دېگەن. ئىنساننىڭ تاشقى قىياپىتى ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ ئۇ گۈزەللىك ۋاقىتلىقتۇر. سىز مەڭگۈلۈك جەلپ قىلارلىق گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى بولغان ھايادىن ئىبارەت بۇ زىننەتنى خالىمايدىغانلاردىن ئەمەسسىز – ھە!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «بالا – قازا ئىنساننىڭ تىلىغا باغلانغان بولىدۇ. كىمكى بىر ئىشنى قىلمايمەن, دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتسە شەيتان بارلىق ئىشىنى قويۇپ, تاكى ئۇ كىشىنى شۇ ئىشنى قىلدۇرمىغىچە بولدى قىلمايدۇ دېگەن ». مۇسۇلمان ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا ”ئاللاھ خالىسا“ دېيىشكە بويرۇلغان, ئەگەر ئاللاھ خالىمىسا بىز ھېچ بىر ئىشنى قىلالمايمىز. بۇنى سىز ئەڭ ياخشى بىلىسىز. شۇنداق ئىكەن ھەر بىر ئىش ئۈچۈن ”ئاللاھ خالىسا (ئىنشائاللاھ) دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «مېلى كۆپ بولغان ئادەم باي ئادەم ھېساپلانمايدۇ, بەلكى كۆڭلى باي ئادەم ھەقىقىي باي ھېساپلىنىدۇ» دېگەن. كۆڭلى كۆكسى كەڭ, كۆزى توق ئادەم مەڭگۈ پېقىرلىق دەردى تارتمايدىغان ئادەمدۇر. سىز ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە رازى بولغان كۆڭلى كۆكسى كەڭ باي بولۇپ ياشاۋاتامسىز ياكى بۇنداق بولسا … بوپتىكەن, ئۇنداق بولسا بولاتتى … دېگەندەك دۇنيالىق ئارمانلار بىلەنمۇ? ئاللاھ سىز ۋە بىزنى ھەر ۋاقىت كۆڭلى توق, كۆزى توق ئىنسانلاردىن قىلسۇن, دەپ دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: دېگەن «بىر كۈنى بىرىلىرى بىلەن دوست بولغىنىڭلاردا كەلگۈسى بىر كۈنى ئۇنىڭ دۈشمەن بولۇپ قېلىش ئىھتىمالىنى ئۇنۇتماڭ.». ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەقبۇل دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقتۇر. ناۋادا سىز دۇنيالىق مەنپەت ئۈچۈن بىرىلىرى بىلەن دوست بولغان بولسىڭىز ئۇنىڭغا سىرلىرىڭىزنى تۆكۈپ بەرمەڭ, ئاجىز نوقتىلىرىڭزنى ئۇنىڭغا ئاشكارلاپ قويماڭ. بولمىسا بىر كۈنى قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ قاتتىق زەربىسىگە دۇچار بولۇپ قېلىشىڭىز مۆمكىن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە: «مەزلۇمنىڭ بەددۇئاسىدىن قورقۇڭلار, چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرسىدا پەردە يوقتۇر» دېگەن. پەقەتلا قولىدىن مېلى ۋە ھەق – ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلار مەزلۇم بولمايدۇ, بەلكى سۆزدە ھەرىكەتتە, مۇئامىلىدە ناھاقچىلىككە ئۇچرىغانلارمۇ ئوخشاشلا مەزلۇم بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پەقەتلا باشقىلارغا, ياتلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى زۇلۇم قىلىش دەپ بېلىدۇ. بىراق بىزگە ئامانەت قىلىنغان ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا, ئۇلارنىڭ ئابرويلىرىغا, ئۇلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتىشلىرىغا بولغان سەل قاراشلىرىمىز بىلەن زۇلۇم قىلماسلىققا دېققەت قىلمىساق ئورۇنسىز ئەيىپلەنگەن بالىڭىز, ئېرىڭىز ۋە ئايالىڭىزنىڭ كۆزىدىن چىققان ياشمۇ مەزلۇمنىڭ يېشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!