بەختلىك ئاياللار ئورۇندىغان ئۈچ ئىشنى سىزمۇ قىلالايسىز

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-06 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 207 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

 1. ئۇلار ئۆزىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىيالايدۇ

  قارىماققا ھەممە ئاياللار مۇشۇنداق قىلالايدىغاندەك بىلىنىدۇ، بىراق مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، ھاياتتىن قانچىلىك بەھرە ئېلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقىدىغان ئاياللار تولىمۇ ئاز. يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە پىسخولوگلار كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 900 دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئالدىنقى بىر كۈندە قىلغان ھەربىر ئىشىنى تەپسىلىي يازدۇرغان. ئاندىن مۇشۇ كۈندىلىك خاتىرىگە ئاساسەن ھەربىر تۈرلۈك ئىش ئاتا قىلغان خۇشاللىققا نومۇر قويغان. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئاياللار ھەر كۈنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەتتا ئىنتايىن نەپرەتلىنىدىغان ئىشلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگىنىدە كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بەختنى ئۆزىنىڭ يارىتىدىغانلىقى ۋە كونترول قىلىدىغانلىقىنى زادىلا ھېس قىلمىغان.

  بىر كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى تەتقىق قىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ گۇمانلىق بولغان بەزى مەسىلىلەرنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئىش ھەققى يۇقىرى بولغان بەزى خىزمەتمۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىزنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن؛ ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىزار بولغان سەمىمىي ھېسسىيات بەلكىم ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇمران بولۇشى مۇمكىن.

  خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ئۆزگىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سىز كۈن بويى ئۆزىڭىز بىزار بولىدىغان ئىشلار (مەسىلەن، تىجارەت توغرىلىق پاراڭ سېلىش، مۇنچا تازىلاش قاتارلىقلار) غا ئىسراپ بولۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىن بىر سائەت ئاجرىتىپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى (مەسىلەن، كىتاب ئوقۇش، دوستلار بىلەن قەھۋە ئىچىش دېگەندەك) قىلسىڭىز، ناھايىتى تېزلا بەخت خۇشاللىقىغا چۆمىسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى دەرھال ھەرىكەتلىنىش.

  2. ئۇلار ئەزەلدىن «مۇبادا …….. ياخشى بولاتتى» دەپ قۇرۇق خىيال سۈرمەيدۇ

  «ئەگەر مەن تېخىمۇ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام… بىر ياخشى يىگىت بىلەن تونۇشقان بولسام… سېمىز ھالىتىمدىن ئورۇقلىيالىغان بولسام، تۇرمۇشۇم تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولغان بولاتتى». بەختلىك ئاياللار ھەرگىز بۇنداق ئويلاپ يۈرمەيدۇ.

  ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى زامان ئاياللىرى «مېنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدىغان نەرسە نېمە؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتە پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارسىز ئىكەن. تۇرمۇشتىكى مەلۇم نەرسىلەردىن قانائەتلىنىش دەرىجىسىگە دائىم خاتا ھۆكۈم چىقىرىدىكەن. مەسىلەن، «تۇرمۇشىڭىزدىن قانچىلىك دەرىجىدە رازى بولىسىز؟» ۋە «ئالدىنقى ئايدا سىز قانچە قېتىم ئۇچرىشىشقا باردىڭىز؟» دېگەن ئىككى سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئەگەر ئۇچرىشىش ھەققىدىكى سوئال ئاۋۋال سورالسا، زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ كېيىنكى سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ھېسسىي تۇرمۇش مۇقەررەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

  ھازىر «مۇبادا …….. ياخشى بولاتتى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن كاللىڭىزنى چىرمىۋالغانلىقىنى ئاساسەن چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەتراپىڭىزدا ھەر خىل كىشىلەر ياشايدىغانلىقى ياكى بەخت توغرىسىدىكى خىلمۇخىل باھالارنى — ياخشى خىزمەتنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 500 مىڭ يۈەن، ئاياللار ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ ياخشى ئەرگە ياتلىق بولغىنىغا يەتمەيدۇ، ئورۇقلىيالمىغان ئايال ئايال ھېسابلانمايدۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن تۇرمۇشىڭىزدىن تەبىئىي ھالدا چىن كۆڭلىڭىزدىن رازى بولمايسىز.

  3. ئۇلار دائىم ياخشى دوستنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ

  شەك – شۈبھىسىزكى، ئىجتىمائىي ئالاقە بىزنى بەخت خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدىغان مۇھىم تەرەپ. بىراق، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىجتىمائىي ئالاقىدە خاراكتېر ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز بىرەر تونۇشىڭىز بىلەن بىللە بازار چۆرگىلەپ، پاراڭلاشسىڭىز، چوقۇم كۆڭلىڭىزدىكى يېقىن ئادىمىڭىز بىلەن بىللە بولغاندەك خۇشال بولالمايسىز. (تۈرگەن تەرجىمىسى)

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *