ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-10 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 137 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قېلىن-ئېغىر ئىگىنلەر بەدەن ھەرىكىتىڭىزگە ئەپسىزلىك تۇغدۇرىدۇ؛ بايلىق سىزنىڭ روھىڭىزنى بېسىپ غۇلىتىدۇ.
نامرات كىشى بايغا ھەۋەس قىلسا، ئۇ بايدىن ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتمەيدۇ.
بىر مۇنچە تىرىشچانلىق ۋە گۇناھلار بىلەن ئېرىشىلگەن زور بايلىقنىڭ بىرلا ھەقىقىي قىممىتى بار: سىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەندە خۇشاللىققا چۆمۈلىسىز.
ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ پۇل، مال ۋە روزىغارلىرىنى ئېلىپ كەتسىڭىز، سىز بۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە سىزنىڭ ئوغرىلىقىڭىز توختايدۇ، چۈنكى، بۇ نەرسىلەر ئەسلى ئورنىغا قايتىشى كېرەك. مۇبادا، سىز باشقىلارنىڭ تۇپرىقىنى تارتىۋالسىڭىز، باشقىلارنىڭ تۇپراق بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈپ قويىسىز، سىزنىڭ بۇنداق تالان-تاراجلىرىڭىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چۈنكى، سىز ھەر يىلى، ھەر كۈنى ھەر بىر دەۋر ئادەملىرىنى تالان-تاراج قىلىپ كۆنگەن.
−ھېنرى گېئورگى
تىل، تۇرمۇش شەكىللىرى ھەمدە ئەنئەنىۋىي ئادەتنىڭ ئاددىيلىقى بىر مىللەتكە كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ.
ئارتۇقچە ھەشەمەت ۋە تاشقى قىياپەتكە بېرىلىپ كېتىش بىر مىللەتنى زەئىپلەشتۈرۋېتىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ.
5-ئاينىڭ 10-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *