سىز ئۆزىڭىزنى «يالغۇز قالغان» دەك ھېس قىلامسىز؟
سىز ئۆزىڭىزنى «يالغۇز قالغان» دەك ھېس قىلامسىز؟
سىز ئۆزىڭىزنى «يالغۇز قالغان» دەك ھېس قىلامسىز؟ ئەگەر شۇنداق ھېس قىلسىڭىز دىققەت قىلىڭ! ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، «بىر كۈن يالغۇزلۇق ھېس قىلىش» نىڭ تەن سالامەتلىككە خۇددىي «15 تال تاماكا چەككەن» گە باراۋەر زىيىنى بولىدىكەن.
ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر «يالغۇز قالغان» دەك ھېس قىلىش «روھىي كېسەللىك» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدىغان خاتا قاراشتا بولىدىكەن، ئەمەلىيەتتە «پىسىخىكا» «فىزىيولوگىيە» گە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يۇقىرى قان تومۇر كېسەللىكى خەتىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كىسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى تېزلىتىشكە ئوخشاش ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە 5 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنىڭ قارىشىچە «تېلېۋىزور» ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىىدىكى ئەڭ ياخشى «ھەمراھ» ئىكەن؛ 3 مىليون ياشانغان كىشى روژدېستۋو بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىكەن؛ 600 مىڭ ياشانغان كىشىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىكى سىرتقا چىقىش قېتىم سانى بىر قېتىمدىنمۇ ئاز ئىكەن؛ 400 مىڭ ياشانغان كىشىنىڭ بالىلىرى خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ھەمراھ بولالمايدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرقى ياشانغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەمئىيەتتە، ياشانغانلارنىڭ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان ۋاقتى ھەتتا نەچچە ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى مۆلچەرلىمەك ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل داۋىد ئائىلىدە ياشىنىپ قالغانلار بولسا ئامال بار ئۇلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بېرىشنى، ئۇلارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.