خاراكتىر ۋە روھىي كېسەللىك
خاراكتىر ۋە روھىي كېسەللىك
خاراكتىر قانداق شەكىللىنىدۇ؟قايسى خىل خاراكتىردىكى كىشىلەر ئاسان روھىي كېسەل بولۇپ قالىدۇ؟
ھەر بىر ئادەمنىڭ سىرتقى تەسىرگە بولغان ئىنكاسى ھەرخىل بولىدۇ.ھەربىر كىشىنىڭ چوڭ مېگە قۇرۇلمىسى ئوخشىمىغاچقا مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى پەرقلىق بولىدۇ.ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.شۇنداقلا ھەرخىل تەسىرگە ياكى غىدىقلىنىشلارغا نىسبەتەن،ئوخشىمىغان تەھلىللەرنى ئېلىپ بارىدۇ.شۇنىڭغا ماس ھالدا كىشىلەردە ئوخشىمىغان تۇيغۇ،ئوخشىمىغان كەيپىيات،ئىنكاس پەيدا بولىدۇ.پەيدا بولغان بۇ خىل تۇيغۇ،كەيپىيات،ئىنكاس ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەرخىل كىشىلەردە كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ۋە پەيدا بولۇشىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ.شۇڭا،كىشىلەردە ئوخشىمىغان پسىخىك پائالىيەت پەيدا بولۇپ، ئوخشىمىغان خاراكتىر شەكىللىنىدۇ.
ئىنسانلار ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئېرق،مىللەت،ئىجتىمائىي جەمئىيەت قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان يېڭى بىلىم،تەسەۋۋۇر،ئەخلاق قارىشى،ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە پوزىتسىيىسى،ئۆرپ-ئادەت ۋە ھەرىكەت مىزانى،ھېسسىيات ئىپادىلەش شەكلى،ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش يولى قاتارلىقلارنى تەبىئىي ھالدا شەكىللەندۈرىدۇ.
ئائىلە،مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مىجەز خۇلقىنى تەڭشەپ، ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.بۇخىل ئامىللار ئادەم خاراكتېرىنىڭ ھەرخىللىقىنى بەلگىلەيدۇ.خاراكتىرنىڭ ئۆزى كېسەلنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل ئەمەس.لېكىن ئاجىز،ئىچ مىجەز،باشقىلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان،ئىچى تار،ھەسەتخور،
كۆرەلمەس كىشىلەردە ئۇنىڭدىن سىرت تېنى ئاجىز،سالامەتلىكى ناچار،ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەن كىشىلەردە روھىي كېسەلنىڭ پەيدا بولىشى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ.