بەك پاكىز بولۇپ كەتسە ، بالا ئوڭاي كېسەل بولىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-26 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 180 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولسىمۇ ، بالىلاردا كېسەل كۆپىيىپ قالدى . شۋېتسىيە بالىلار كېسىلى مۇتەخەسسىسى بىلكىستىن : بالىلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش مۇھىتى ناھايتى پاكىز بولۇپ ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش ، ئوڭاي رېئاكسىيە بېرىش ، تېنى ئاجىزلاش– پەيدىنپەي پەيدىنپەي باياشاتلىق كېسىلىگە ئايلانماقتا، دېدى .
1. تەبئىي تۇغۇلغان بالىنىڭ تەن ساپاسى ئانىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇلغان بالىدىن ياخشى بولىدۇ . چۈنكى تەبئىي تۇغۇلغان بالا تۇغۇش يولىدىكى باكتېرىيە بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماي ، يەنە ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ . بۇنداق مۇرەككەپ مۇھىت ئۇلاردا ئاشقازان يولى باكتېرىيە توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق .
2 . كۆپ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان ئۆيدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تېنى ئاجىز كېلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۈستەلنى پاكىز سۇدا سۈرتىۋەتسىلا كۇپايە ، ئېمىزگە يەرگە چۈشۈپ كەتكەندە ، تۇربا سۈيىدە چايقىۋەتسەكلا ياكى چوڭلار ئاغزىغا سېلىپ بىر قېتىم شوراپ قويسىلا بولىدۇ .
3. ئەگەر سىزدە سىل كېسىلى دېگەندەك ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولمىسىلا ، بالىڭىزنى سۆيگىڭىز كەلسە سۆيۈۋېرىڭ .
4. بىرەر نەرسە يېگەندە زىيادە ئېھتىيات قىلىپ كەتمەڭ . بالىڭىز بىرەر نەرسە يەپ زىيان قىلىپ ، ئاددىي رېئاكسىيە قىلسىلا ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى بالىڭىزغا يېيىشنى چەكلىمەڭ . چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنىڭ زىيان قىلىشى كۆپىنچە ھاللاردا بىر قېتىملا بولىدۇ ، بالىڭىز ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەنە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر بۇ چاغدىمۇ زىيان قىلسا ، يەنە قايتىدىن سىناپ بېقىڭ .
بىلكىستىن مۇنداق دېدى : تۇرمۇشتىكى كۆپ ساندىكى باكتېرىيە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئەكىسچە ئاتا – ئانا بالىلىرىنى زىيادە ئاسراپ بېقىشى دەل ئەكىسچە نەتىجە بېرىدۇ .
‹‹ ماتېرىيالدىن››

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *