كۆز ئەتراپى قارىداش ئاياللار كېسەللىكى ئالامىتىنىڭ بېشارىتى
كۆز ئەتراپى قارىداش ئاياللار كېسەللىكى ئالامىتىنىڭ بېشارىتى
ئاياللاردا كۆز ئەتراپىنىڭ قارىداپ كېتىشى ھۆسنىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قاراپ، بۇنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆز ئەتراپىنىڭ قارىدىشى زىيادە چارچاش ياكى كېچىلەپ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشتىن كېلىپ چىقىشتىن باشقا، يەنە قىسمەن ئاياللار كېسەللىكى سەۋەبىدىنمۇ پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەيىز ئاغرىتىپ كەلگەندە ياكى ھەيىز قالايمىقانلاشقاندا ئاياللارنىڭ كۆز ئەتراپى ھەمىشە قارىدىسا، چوقۇم ئاياللار بۆلۈمىگە بىرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
كۆز ئەتراپىنىڭ ئاي شەكلىدە قارىدىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ ئادەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇيقۇسىزلىق، قان ئازلىق ياكى قىسمەن ئاياللار كېسەللىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇم، كۈنجۈت، سەۋزە، لامنارىيە قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە كۆز ئەتراپىنىڭ قارىدىشى ئاستىلايدۇ.