ئايالنىڭ ئېرىگە قارىتا مۇئامىلىسى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى قايسىلار؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-08 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 634 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131208-201141.jpg

سوئال: ئايالنىڭ ئېرىگە قارىتا مۇئامىلىسى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان
مۇئامىلىسى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) ئېرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ۋە جىمى تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى.
(2) ئايلىق ئادەت ۋە تۇغۇتلۇق ۋاقىتلىرىدىن باشقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىمكان قەدەر ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى. ئەر ئايال بىر بىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى ئومۇمەن، مۇشۇ سەۋەبتىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇ، ئايالىنىڭ ئۇنىڭ رىغبىتىگە ماسلاشماي ئۇنى رەنجىتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(3) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى. ئەمما يېمەك ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ.
(4) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىقى، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئەر – ئايال ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى.
(5) ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى، قاتتىقچىلىق كۈنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقى، ئېرىنىڭ مېھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلىشى. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئېرىغا ھەمىشە: «ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن، بىز تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دەيدىغان خوتۇندۇر.
(6) ئېرىدىن باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن زىننەتلەنمەسلىكى، باشقىلارغا يۈز، قوللىرى ۋە پۇتلىرىدىن باشقا ئەۋرەت ئەزالىرىنى نامايان قىلماسلىقى، قىسقا، نېپىز كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى. ئەر – خوتۇنلۇق سىرلىرىنى سىرتقا يايغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھېچ سۆز قىلماستىن، شەپقەت نەزىرى بىلەنمۇ قارىماستىن جازالايدىغانلار قاتارىدىن سانىغان.
(7) ئېرىنىىڭ دوستلىرى بىلەن ئېرى بولمىغان جايلاردا پاراڭلاشماسلىقى، ئېرى يوق ۋاقىتتا كەلگەن يالغۇز، ئەر مېھماننى يالغۇز قارشى ئالماسلىقى. ئۆزى يالغوز بولسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماسلىقى.
(8) ئېرىگە ھۆسىن جامالى، بايلىقى ۋە مەنسبى بىلەن پەخىرلىنىپ چوڭلۇق قىلماسلىقى، يەنى ئايال ئېرىدىن بىرقەدەر ئارتوق جامالغا، بايلىققا، مەنسەپكە ياكى ئېسىل نەسەبكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ چوڭلۇق قىلماسلىقى.
(9) پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشى، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللىماستىن ياخشى تەربىيىلىشى، ئېرىگە تىل ئۇزارتماسلىقى.
(10) ئۆي ئىچىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشى، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى.
(11) ئايال قېيىن ئانىسى ۋە قېيىن ئاتىسىنى ھۆرمەتلىشى، ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ياخشى دۇئالىرىنى ئېلىشقا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇمۇ شۇلارغا قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى كېيىنچە كېلىن ياكى كىئوغۇللىرىدىن كۆرىدۇ.«بۇ ئالەم-ئۆتنە ئالەم»دەپ بىكارغا ئېيتىلغان ئەمەس.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *