بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشنى ئۇماچ بىلەن داۋالاش

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-18 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 259 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131218-162039.jpg

        ئەتىياز كېلىشى بىلەن بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلاپ، قورسىقى ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. بالىغا دورا يېگۈزگەندىن كۆرە تۆۋەندىكىدەك ئۇماچلارنى قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.
ئالما قىيامى ئۇمىچى
  ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى مول تاننىن كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى توختىتىش رولى ناھايىتى ياخشى. تەييارلاش ئۇسۇلى : ئالمىنى ھورداپ دۈملەپ پىشۇرۇپ، يۇمشاق ئېزىپ، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
سەۋزە قىيامى ئۇمىچى
  سەۋزىنىڭ تەركىبىدە مول كاروتېن ۋە مېۋە يېلىمى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىدىكى بەز تەنچىلىرىنىڭ زىيادە ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەش ۋە سۈمۈرۈش رولى بار.
زەنجىۋىل قەلەمچىسى ۋە ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئۇمىچى
  ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ تارىيىش ۋە يىغىلىش ئىقتىدارى بار. زەنجىۋىل قەلەمچىسىنىڭ ئاشقازان ۋە تالنى ئىللىتىش رولى بار. ئىككىسىنى بىللە قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، ئىچ سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *