مۇسلىمەلەرگە خىتاپ
مۇسلىمەلەرگە خىتاپ
ئاياللارنىڭ ئىمانى ھىجابى بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ.
ئىرىنىڭ رازىلىقى بىلەن رەبتائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ.
بۇ ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلماي كىچىلىرى ناماز ئوقۇسىڭىزمۇ،كۈندۈزلىرى روزا تۇتسىڭىز بۇ ئەمەللىرىڭىزنى ئاللاھ قۇبۇل قىلمايدۇ. ھىجاپ دىگەن ئەۋرەت ئۇرۇنلارنى يېپىش دىمەكتۇر. ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئىككى ئالقىنىدىن باشقا ھەممە ئەزالىرى،چاچلىرى ئەۋرەت ھىسابلىنىدۇ. ئەۋرەتنىڭ چوڭ كىچىكى بولمايدۇ. ئەۋرەت دىگەن ئۇياتلىق جاي دىگەن بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى يېپىشقا بۇيرۇلغان. ھەمشىرەم ئەينەككە بىر قاراپ بېقىڭە ئەۋرەتلىرىڭىزدىن ئۇچۇق قالغان يەرلەر بارمۇ؟ ئىسىڭىزدە بولسۇن ئەۋرەت ئۇچۇق تۇرۇپ ئوقۇلغان ناماز مەقبۇل ئەمەس .يەنى بىكاچىدۇر. ئەركەكلەر.ئۇزۇڭلارغا تەۋە ئاياللاردىن قىيامەتتە سىلە سۇرلىسىلەر.ئۇزۇڭلار ھەرقانچە تەقۋا بۇلۇپ قىز-ئاياللىرىڭلارنى ئىسلامىي مۇھاپىزەت قىلالمىساڭلار قىلغان ئەمىلىڭلار بىكار بۇپ كىتىدۇ. دۇنيانىڭ زىننىتى ئاياللار. داداڭلارغا،يولدۇشۇڭلارغا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن. قىيامەت كۇنى سىلەر سەۋەبلىك ئۇلار يىقۇلغۇسى ئىنسانلاردىن ۋە تاشلاردىن بولغان دۇزاخقا كىرىپ كەتسە بۇ نىمە دىگەن يامان ئىش ھە؟! سىلەر ئۈزۈڭلارنى مۇسۇلمان دەيسىلەر. مۇسۇلمان ئاياللار قانداق كىينىدۇ بۇنى سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر. سىلەردىن ئۈتۈنەي ئۈزۈڭلارنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ مۇسۇلمانچە كىيىنمەي پاچاقلىرىڭلارنى،بىلەكلىرىڭلارنى،بۇيۇنلىرىڭلارنى،چاچلىرىڭلارنى ۋە ياكى مۇشۇ تىلغا ئېلىنغان ئەزالارنىڭ بىرەسىنى ئۇچۇق قۇيۇپ ماڭمىساڭلار. بۇنداق قىلساڭلار مۇسلىمەلەرگە ھاقارەت قىلغان بۇلىسىلەر. بۇنداق دىسەم بەلكىم«كىيىمىم بۇنداق بولغان بىلەن قەلبىم ياخشى،دىلىم ئاللاھ بىلەن بىرگە. مۇسۇلمانچە ھىجابلانغان بەزى ئاياللار ئۇنداق كىيىنگىنى بىلەن قىلغان قىلىقلىرىنى ئاغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ» دىيشىڭلار مۇمكىن. ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟! ناماز ئوقۇغان ئادەم ئوغۇرلۇق قىلسا ياكى زىنا قىلسا شۇ ئادەم تۇپەيلى بىز نامازنى تاشلامدۇق؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. گۇناھ نامازدا ئەمەس. نامازنى ئاللاھ پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغانغا ئوخشاش ھىجاپنىمۇ ئاللاھ پۇتۇن مۇسۇلمان ئاياللارغا پەرز قىلغان. شۇڭا ھىجابلانغان ئاز بىر قىسىمدىكى ئاياللارنىڭ قىلغان خاتالىقلىرى تۈپەيلى ھىجاپنى يامان كۆرسەك بۇ ئاقىل ئادەمنىڭ ئىشى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى شۈنچە ھۆرمەتلىك قىلدى. جەننەتنى سىلەرنىڭ تاپىنىڭلار ئاستىدا قىلدى ئەجابا بۇ سىلەرنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ مۇسلىمە ھەمشىرلىرىم كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار. ئۈزۈڭلارغا ۋە ئۇزۇڭلارغا ئىگە بولغان كىشىلەرگە ئىچىڭلار ئاغىرسۇن. دۇنيا مەنپەئەتىنى دەپ مەڭگۈلۈك بولغان ئاخىرەتلىكىڭلارنى تۈگەشتۈرۋەتمەڭلار. سىلەرنى شۈنچىلىك چىرايلىق ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يۈلى بىلىدۇ» (قۇرئانى كەرىم سۈرە تالاق) ئاللاھتىن قورقۇش دىلىڭلاردىلا بولماستىن بەلكى دىلىڭلاردا،تىلىڭلاردا،ھەركىتىڭلاردا،تاشقى قىياپىتىڭلاردا بولسۇن. شۇندىنلا ئاللاھتىن قورققان بۇلىسىلەر. ئەۋرەتلىرىڭلارنى تۇلۇق ياپماي سىرتقا چىقساڭلار ئۈزۈڭلار تېخى گۇناھكار، سىلەرگە قارىغانلار تېخى گۇناھكار ئۇلارنىڭ گۇناھكار بۇلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن يەنە گۇناھكار ھىسابتا قوش گۇناھلىق بۇلىسىلەر ئاللاھ سىلەرنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان ئاياللارنى ئەۋرەتلىرىنى تۇلۇق ياپالايدىغان مۇسلىمەلەر قاتارىدىن قىلسۇن.