شۇنداق بىر كۈن بار

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-28 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 321 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

شۇنداق بىر كۈن بار، قۇياش نەيزە بويى چۈشۈرۈلۈپ تەنلەر ماي كەبى ئاقىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، ئىنسى جىن كۆرمىدى دەپ قىلغانلىرى خەلق–ئالەم ئالدىدا بىربىرلەپ ئىچىلىپ رەسۋا بولىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، يىتىمنىڭ ھەققىنى يەۋالغاننىڭ گىلىگە چوغدىن يەم سىلىنىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، ئەمەللىرى رىيا بىلەن يۇغۇرۇلغاننىڭ ئەمەللىرى پۇرلاپ يۈزىگە ئىتىلىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، ئىنساننىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەر بىر تىنىقىدىن سوراق بىرىلىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، « نىيەت ئەلا» دەپ قويۇپ ئەمەلگە چىقارمىغاننىڭ نىيىتى بىر تىيىنغا ئەسقاتمايدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، ئەمەلدە بولغىنى بىلەن نىيەت دۇرۇس بولمىغانلىقتىن ئەمەللىرى  ھەم بىر تىيىنغا ئەسقاتمايدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، تونۇشقا تىگىشلىك زاتنى تونۇمىغانلىقتىن كىشى مەڭگۈلۈك ھەسرەتكە قالىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، زالىمدىن ئىزىلگۈچىنىڭ ئەنتىنى ئىلىپ بىرىدىغان. شۇنداق بىر كۈن بار، قايتا پۇرسەت بېرىلمەيدىغان…….          قورقۇشقا تىگىشلىكى ئەنە شۇ كۈن، تەييارلىق قىلىشقا تىگىشلىكى ئەنە شۇ كۈن. چۈنكى ئۇ كۈن كىلىدۇ، پۇرسەتمۇ ھەم كىتىدۇ… 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *