‏شەيتان بىلەن سۆھبەت…

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-30 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 200 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

‏شەيتان بىلەن سۆھبەت…

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىر ئۆيدە ئولتارغاندا تۇيۇقسىز بىرى ئىشىكنى چىكىپ ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت سورىدى ۋە: – سىلەردىن بىر تىلىگىم بار، دېدى. بۇنىڭ بىلەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز: « ئىشىك چەككەن كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ساھابىلار:

- ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېيىشتى.

- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

- « ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئۇ ئادەم لەنەتلەنگەن مەخلۇق شەيتاندۇر، ئۇنىڭغا ئاللاھ نىڭ لەنىتى بولسۇن!» دېدى. ھەزىرىتى ئۆمەر:

– ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر رۇخسەت بەرسەڭ مەن ئۇنى شۇ ھامان ئۆلتۈرۈۋىتەي، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

« ئى ئۆمەر! ئۆزەڭنى بېسىۋال، ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ياشاشقا رۇخسەت بەرگەن. ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كەچ» دېدى. ئاندىن ساھابىلىرىگە قاراپ:

- « ئىشىكنى ئېچىڭلار! شەيتان بۇ يەرگە كېلىشكە رۇخسەت ئالغانىدى. ئۇنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ياخشى قۇلاق سېلىڭلار، سىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغانلىرىنى ياخشى ئاڭلاڭلار» دېدى.

ئىشىكنى ئاستا چەككەن ھېلىقى كىشى ئۆي ئىچىگە كىردى. ئۇنىڭ تۇرقى ناھايىتىمۇ بەتبەشىرە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:

- « ئى لەنەتلەنگۈچى! سېنىڭ ھەمراھلىرىڭ كىملەر؟» دەپ سورىدى. شەيتان:

- جازانە يىگەنلەر.

- « ئۇنداقتا سېنىڭ دوستلىرىڭ كىم؟»

- زىنا قىلغۇچىلار.

- « سەن كىملەر بىلەن بىللە ياتىسەن؟ »

- مەستلەر بىلەن.

- « مېھمانلىرىڭ كىم؟ »

- ئوغرى- بۇلاڭچىلار.

- « سېنىڭ ئەلچىلىرىڭ كىم؟ »

- سېھىرگەرلىك قىلغۇچىلار.

- « كۆزۈڭنىڭ نۇرى نېمە؟ (كۆزۈڭنى نۇرلۇق قىلىۋىتىدىغان خۇشاللىقىڭ نېمە ؟ »

- ئەر- خوتۇنلارنى ئاجراشتۇرغانلار.

- « سۆيگىنىڭ كىم؟ »

- جۈمە نامىزىنى ئوقۇمايدىغانلار.

- « ئى ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلاندى قىلىنغۇچى! سېنىڭ يۈرىكىڭنى نېمە پارچىلايدۇ؟ »

- ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن جىھادقا ماڭغان ئاتلارنىڭ كىشنىشى.

- « ئۇنداقتا سېنىڭ جىسمىڭنى نېمە ئېرىتىپ يوق قىلىدۇ؟ »

- ئاللاھ غا تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسى.

- « جىگىرىڭنى نېمە پارچىلايدۇ؟ »

- كېچە ۋە كۈندۈز قىلىنغان تەۋبە ئىستىغفار.

- « يۈزىڭنى نېمە پۈرۈشتۈرىدۇ ( يەنى سېنى نېمە بىزار قىلىدۇ)؟»

- يوشۇرۇن بېرىلگەن سەدىقە.

- « كۆزلىرىڭنى نېمە كور قىلىدۇ؟ »

- كېچىسى ئوقۇلغان ناماز.

- «بوينۇڭنى نېمە ئەگدۈرىدۇ؟ »

- جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز.

شەيتان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن سورىغان پۈتۈن سوئاللارغا جاۋاپ بەردى. دېمەك بۇنىڭ بىلەن ساھابىلارلا ئەمەس پۈتۈن ئىنسانلار شەيتاننىڭ دوستلىرىنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىۋالغان بولدى…

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *